بىلمەيسەن (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

بىلمەيسەن
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

قىلما قەسەم،يالغان سۆيگەچ،بىلمەيسەن،
ۋۇجۇدىڭدا مېھىر يوقتۇر،بىلمەيسەن،
كىملىرىڭنى ئۇلۇغلايسەن،بىلمىدىم،
شادلىق بېرىپ باقمىغاچقا،بىلمەيسەن.

شادلىق بېرىپ باقمىغاچقا،بىلمەيسەن،
تېرىك شېھىت بولدى جىسمىڭ،بىلمەيسەن،
قاچانلاردۇر راھىم ياندى بىلمىدىم،
چۈنكى سەندىن ئۈمۈد ئۈزدۈم،بىلمەيسەن.

چۈنكى سەندىن ئۈمۈد ئۈزدۈم،بىلمەيسەن،
تەبەسسۈمىڭ ئۆلۈك سېنىڭ،بىلمەيسەن،
تەمەيىم يوق ئەمدى،مېنى كەچۈرگىن،
قىسمەت شۇنداق رەڭسىزمىكىن،بىلمەيسەن.

قىسمەت شۇنداق رەڭسىزمىكىن،بىلمەيسەن،
قەلبىم ئۆلدى،سىزەلمىدىڭ،بىلمەيسەن،
تىكىپ قويغان گۈللىرىمنى پۇرىما،
سەندە يوقتۇر مېھىر-ۋاپا،بىلمەيسەن.

سەندە يوقتۇر مېھىر-ۋاپا،بىلمەيسەن،
ئاداشلىرىڭ كەتتى ئۇزاپ،بىلمەيسەن،
چىچەكلىرىڭ توزىغانتى بۇرۇنلا،
پەرۋېش قىلىش ئۇنۇتتۇڭغۇ،بىلمەيسەن.

پەرۋېش قىلىش ئۇنۇتتۇڭغۇ،بىلمەيسەن،
چوڭ-كىچىكنى ئايرىمىدىڭ،بىلمەيسەن،
پەقەت بايلىق ئويلىدىڭمۇ بىلمىدىم،
شەخسىيەتچىل بولىۋالدىڭ،بىلمەيسەن.

شەخسىيەتچىل بولىۋالدىڭ،بىلمەيسەن،
پەقەت كۆردۈڭ بۈگۈنىڭنى،بىلمەيسەن،
ئالدىراشلىق ئۆتتى كۈنۈڭ ھەر دائىم،
ئەمدى سېنى سۆيەلمەيمەن،بىلمەيسەن.

ئەمدى سېنى سۆيەلمەيمەن،بىلمەيسەن،
كۈتتۈم ئۇزاق كىلەلمىدىڭ،بىلمەيسەن،
مەيۈسلەندى ئەمدى ئوتلۇق يۈرۈگۈم،
كەچۈرگىنە،سەسكەندىمغۇ،بىلمەيسەن.
     





190 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-22 22:32:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ