قىزلېرىم - ​ئابدۇشۈكۈر ئابلىمىت-ئىھسان

 قىزلېرىم  
   
ئابدۇشۈكۈر ئابلىمىت-ئىھسان
 {بىر جۈپ ناتىۋانلىرىم نەفىسە ۋە نەسىبەگە}

سىلەر بىلەن ياشالمىدىم قىزلېرىم،
سىلەرگە قۇت ئاتالمىدىم قىزلېرىم.
ئىككىڭلارنى ئاتىلىق چىن مىھرىمدە،
باغرىمغا چىڭ باسالمىدىم قىزلېرىم.

بوپقالدىڭلار ئەجەپ بىر جۈپ ناتىۋان،
يىتىم دىگەن شۇ نام بىلەن ھەر-زامان،
داداڭلارنىڭ ئەھۋالىمۇ بەك يامان،
بىللە شاتلىق تاپالمىدىم قىزلېرىم.

سىغماي قالغان ئىدى شاتلىق ئىچىمگە،
كۆز ئاچقاندا قىزىم سىلەر ئالەمگە،
تولغانتى ھەم نى ئارزۇلار دىلىمگە،
بىراق ئاڭا يىتەلمىدىم قىزلېرىم.

بەك ئازاپكەن ئۆلمەي تۇرۇپ ئايرىلىش،
ئايرىلىشتا كۆپ بۇلاركەن قىينىلىش،
ئىكەن ئەسلى ئىللىق ئۆيدە، شاتلىنىش،
ئىللىق بىر ئۆي قۇرالمىدىم قىزلېرىم.

ئورۇق-تۇققان دوسلىرىممۇ ئۆم-ئىناق،
ھەممىسى جەم ئۆيلىرى شات، يوق پىراق،
ۋەيرانىدۇر مىنىڭ شۇنچە، ئاھ... بىراق،
مەن شۇلاردەك ئۆتەلمىدىم قىزلېرىم.

دادا بولدۇم ئەمما يۈرەك-باغرى قان،
خۇددى ياقۇپ-يۈسۈپلەرگە ئوخشىغان،
تىرىك تۇرۇپ ئايرىلدۇققۇ ھەر-تامان،
بىر ئۆينى جەم قىلالمىدىم قىزلېرىم.

ئاڭلىيالماي قالدىم دادا تۇرۇپمۇ،
دادا دىگەن سۆزۈڭلارنى ئەجەپمۇ،
ئاھ...غېرىپلىق ئىزىلدى كۆپ يۆرەكمۇ،
مىھرىڭلارغا قانالمىدىم قىزلېرىم.

كەلمەس كۈن يوق ئىكەن ئىنسان بېشىغا،
چېچىلاركەن گاھ كۈل رىزىق ئېشىغا،
نىمە يەتسۇن داداڭلارنىڭ يېشىغا،
بەخىتلىك دەپ، سانالمىدىم قىزلېرىم.

يامانلىق يوق داداڭلارنىڭ كۆڭلىدە،
ياۋ، مەن بىراق ئاناڭلارنىڭ قەلبىدە،
شۇڭا قانچە سېغىنساممۇ سۆيگۈدە،
سېغىندىم دەپ بارالمىدىم قىزلېرىم.

گۇناھىم شۇ ياقا يۇرت بوپقالغىنىم،
ئاناڭلارنى بىلىپ بىر گۈل ئالغىنىم،
خاتا بولدى ئۆز يۇرتۇمغا ماڭغىنىم،
ئۆز مەيلىمچە بۇلالمىدىم قىزلېرىم.

قىلىپ مەھكۈم شۇڭا مەڭگۈ يىغلاشقا،
قىلدى نى سۆز يۆرۈكۈمنى تىلغاشقا،
ئاناڭلارغا شۇڭا ئەھۋال سوراشقا،
تېلېفۇنمۇ ئالالمىدىم قىزلېرىم.

قالدىم زىنھار جەم بۇلۇشقا ئامالسىز،
ياشاپ كەلدىم سېغىنىشتا دىدارسىز،
ئاراملىق يوق ئاقتى جېنىم سىلەرسىز،
بىراق، ئېغىز ئاچالمىدىم قىزلېرىم.

بولغىنىدەك يۆرەك تەشنا باھارغا،
ئوخشىتىپ بىر ئۆينى ئىللىق گۈلزارغا،
ئاھ... سىلەرنى باغرى پۈتۈن قاتارغا،
كەچۈرۈڭلار،قوشالمىدىم قىزلېرىم.


     





43 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇشۈكۈر ئابلىمىت ئىھسان ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-27 10:24:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ