پۇشايماندا قالمىغىن زىنھار - رىزۋانگۈل (مودەن)

 پۇشايماندا قالمىغىن زىنھار
رىزۋانگۈل (مودەن)

قارا چاچلار ئ‍اقاردى ،قىلىپ غېمىڭنى،
قەددى يادەك ئ‍ىگىلدى ،سېلىپ تېمىڭنى.
راھەت بىىلدى جاپانى، ئ‍اياپ جېنىڭنى،
كۆرسە ھەتتا  چىدىماس تامچە قېنىڭنى.

ئ‍اناڭ كەبى چۈشەنمەس ،ئ‍ۆزىگە دەردىڭنى،
ئ‍اتاڭ كەتسە تۈگەيدۇ ،قىلماس قەدرىڭنى.
دەرت-ئەلەملەر كىلىدۇ ،سىناپ سەبرىڭنى،
ھەسەت قىلار بەختىڭگە ،بىلمەس جەبرىڭنى.

ئ‍اناڭ كەبى ئ‍ۆزگىلەر سۆيەرمۇ سېنى،؟
ئ‍ىشىنەرمۇ داداڭدەك سۆيگەنلەر قېنى؟.
قەدىرلىكسەن ئ‍ۇلارنىڭ بارلىقى جېنى ،
ياخشى كۈتكىن ئ‍اسرالسۇن  ،ئ‍ۇلارنىڭ تىنى !،

قەدىرلىگىن ئ‍اناڭنى قىلما دىل ئ‍ازار،
تاپالمايسەن داداڭدەك يوقتۇر غەمگۇزار.
كەتسە ئ‍ۇلار يېنىڭدىن مېھىرلەر ئ‍ۇزار،
پۇشايماندا قالمىغىن بولۇپ ئ‍ىنتىزار.


2016-يىل 13-ئ‍ۆكتەبىر.مايتاغ
     





46 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل (مودەن) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-17 22:19:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ