سىزگە بىرەي ئانا مېھرىنى (شېئىر) - ماھىنۇر ئابدۇرھېم

سىزگە بىرەي ئانا مېھرىنى (شېئىر) 

ماھىنۇر ئابدۇرھېم


مېھرى-شەپقەت سەيناسىدا بىز،
ئانا -بالا  بولۇشتۇق  قىزىم .
قۇرىمىدى  كۆزىڭىزدىن  ياش ،
يېشىڭىزنى سۈرتەي مەن ئۆزۈم .

بالدۇر تاشلاپ كېتىپتۇ  سىزنى ،
ھادىسىدە ،ئاتا-ئانىڭىز ،
كىچىك تۇرۇپ  بوپ قاپسىز يىتىم،
دىلنى  ئەزدى يۈرەك  سۆزىڭىز .

بولدى قىزىم يىغلىماڭ ئەمدى ،
سىزگە بىرەي ئانا  مىھرىنى .
قىسمەتلەردە ئۇچراشتۇق بۈگۈن،
ئاچاي سىزگە مەن  قۇچاغىمنى .

كۈلۈپ  بېقىڭ ماڭا  ئاي قىزىم ،
سىزگە  ئانا بولاي مەن بۈگۈن .
رىشتىمىزنى بىر يىپقا  باغلاي ،
باغاشلىدىم ،يىشىلسۇن  تۈگۈن .
     





330 قېتىم كۆرۈلدى ماھىنۇر ئابدۇرھېم ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-21 4:57:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-21 22:08:43 ئىبراھىم شەۋقى
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ قىرىندىشىم
2017-2-21 16:07:29 ئاينۇر ياسىن
بۇ شىر بەك ياخشى يىزلىپتۇ رەخمەت سىزگە دوستۇم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ