ئەي نادان ئىنسان
تەكلىماكان مۇساپىرى
(ئا.خىلىل تەۋەككۈل)
ئانىسىز دۇنياغا كەلمەس ھېچ ئىنسان،
ھەقىقەت بۇ،بىلىدۇ ھەممە ئىنسان،
ئائىلەم دەپ تارتىدۇ ساناقسىز پىغان،
بىلىپ قوي سەن!ئەي نادان ئىنسان.
ئانىسىز دۇنياغا ھېچ كىلەلمەيسەن،
ئانىسىز ئاق سۇتكە زادى قانالمايسەن،
ئانىسىز ئەسلا،ئېچىلىپ يۇرەلمەيسەن،
ئېتقىنا سەن زادى قانداق بالىسەن.
سىنى دەپ ئۈيقۇغا ھېچ قانمىغان ئىدى،
سىنى دەپ بىر پاكىز يۈرمىگەن ئىدى،
سىنى دەپ بىر راھەت كۆرمىگەن ئىدى،
ئويلان سەن زادى قانداق بالىسەن
يارنى دەپ ئاناڭنى ئۇنتۇپ كىتىسەن،
يارنى دەپ جاھانغا ئوتلار ياقىسەن،
كەتكەندە «ئانام»دەپ قۇشاق قاتىسەن،
ئېيتقىنا سەن زادى قانداق بالىسەن.
ھايات بولسا ئاناڭ قىلمىغىن خاپا،
خىزمەت قىلىپ ئالغىن سەن دۇئا،
كەتكەندە زار-زار يىغلاپ قاخشىما،
يارنى دەپ ئاناڭنى ئەسلا تاشلىما.
52 قېتىم كۆرۈلدى | teklimakan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-16 11:50:46 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|