بىركۈنى

بىر كۇنى


ئەكبەرجان ئىدرىس ئەرچىن


كۆزگە ئىلماي ياراتماي يۈرگەن ئاجىز بىراۋلار ،   

 شان-شەرەپ ھەم ئىناۋەت تىپىپ كىتەر بىركۈنى .

بۇرۇن ئىشەك مىنەلمەي يۈرگەن ئ‍اشۇ بىچارە ،    

كۆز ئالدىڭدا ئ‍ات مىنىپ چىپىپ كىتەر بىركۈنى.


   تۆت بەش تەڭگە پۇلۇڭدىن كۆرەڭلىمە ئۇنچىلىك ،

شۇ پۇلۇڭمۇ توزغاقتەك توزۇپ كىتەر بىركۈنى .

بۇرۇن بوزەك بولغانلار ئەمدىلىكتە باي بولۇپ ،

قۇلىقىڭنى چۆپ كەبى سوزۇپ كىتەر بىركۈنى .


گەر ئاداۋەت قالدۇرغان بولسا بىراۋ دىلىڭدا ،

 ساقلىمىغىن پاكپاكىز يۇيىۋەتكىن بىركۈنى .

ئەگەر قەلىب بىغىڭغا ئ‍ۈنسە بىركۈن شۇمبۇيا،

ئ‍ىككىلەنمەي كۈچەپلا يۇلىۋەتكىن بىر كۈنى .


ئۈچ كۈنلۈكلا ئ‍الەم بۇ ياشا دوستۇم قەدىرلەپ ،

ئەجەل ئ‍وقى ئالدىدا جان ئ‍ۈزىسەن بىركۈنى .

قايغۇ ئەلەم ئىلكىدە ياشاپ يۈرگەن بولساڭمۇ،

بەخىت قۇشى قونغاندا شاد كۈلىسەن بىركۈنى .


ھەسەت قىلىپ بىراۋغا توزاق قۇرما يولىغا ،

بەلكىم ئاشۇ توزاققا سەن چۈشەرسەن بىركۈنى .

 ئۆزگىلەرنىڭ ئەجرىگە قىلما زىنھار خىيانەت ،

قېلمىشىڭغا ئ‍اھ ئۇرۇپ توۋا دەيسەن بىركۈنى .


سىيلىساڭ گەر بىشىنى يىتىم ئاجىز يوقسۇلنىڭ ،

مىھنىتىڭنى ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ بىركۈنى .

دۇچار بولۇپ خەتەرگە كەلگەندە جان ھەلقۇمغا ،

سىنى گۆرنىڭ ئ‍اغزىدىن قايتۇرىدۇ بىركۈنى .

 





368 قېتىم كۆرۈلدى ARQEN ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-22 1:11:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-9-27 11:00:57 Elmenur
Aseregez bakk. Yahxe qekeptuu. Mazmune xundah cahlam xundahh. Ecell bunegden ken terxegg. Cezneg kalguceda daglehh. Yazhuqe yake xaer bulexegezha telakdaxmann
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ