باھارىمغا سالام (شېئىر) - توختى زۇنۇن ئوسمان

باھارىمغا سالام (شېئىر) 

 توختى زۇنۇن ئوسمان


سالام ساڭا باھارىم تەشنالىق يۈرەكلەردىن ،

تولۇن ئايدەك مارايمەن ھەر ئاخشام روجەكلەردىن.

لەۋلىرىڭدىن ئىزلەيمەن سەھەرلەردە سويگۈڭنى،

سېغىنىشتىن چاڭقىغان ئىزگۈلۈك تىلەكلەردىن.


ھەر باھارنىڭ ئۆزگىچە خۇش پۇراقلىق ھىدى بار،

دىماقلارغا ئۇرۇنار ياپ-يېشىل ئېتەكلەردىن.

جۇش ئۇرۇپ شوق ئاقىدۇ باھارلاردا ئېقىنلار،

ياڭرار مۇڭلۇق ساداسى غول-ئېقىن قىرغاقلاردىن.


كىرپىك قاقماي تۈنلەردە كۈتىمەن بىر ئۆزۈڭنى،

تاڭ نۇرىدا تاۋلانغان ئوتقاشتەك جىيەكلەردىن.

سالغىنىڭدا زىلچىلار كەڭ زىمىنغا رەڭگا-رەڭ،

ھوزۇر بەردىڭ ھاياتقا بال،تاتلىق لەززەتلەردىن.


جىلۋە بىلەن راسلاندى ساھىللاردا سەينالار ،

لال قىلىسەن دىللارنى جۇلالىق بېزەكلەردىن.

توز قىزلارمۇ ياساندى جۆر بولۇشۇپ باغلارغا،

يىگىتلەر كۈي ياڭراتتى دۇتتار ھەن غېرجەكلەردىن.


بالىلىققا ياندىممەن غۇنچىلارنى كۆرگەندە،

ياشلىقىمنى كۆردۇم ھەم شەبنەملىك پورەكلەردىن.

نەۋ باھاردىن بارچىگە بولدى ئايان خۇش-خەۋەر،

كۈزدە ھوسۇل راستلايمىز تالماس شۇ بىلەكلەردىن.


تەڭكەش قىلغىن ناخشاڭنى بۇ باھارنىڭ كۈيىگە،

ئۇتۇق بىلەن ۋېسال تاپ شۇ داڭلىق كۆرەكلەردىن.

بەرگەچ ماڭا باھارىم رۇقسارىڭدىن ئىلھاملار،

سۇندۇم ئەزىز خەلقىمگە دەستە گۈل چېچەكلەردىن.


غۇلجا ناھىيە مائارىپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتتىن (پىنسىيونېر)

     





90 قېتىم كۆرۈلدى توختى زۇنۇن ئوسمان ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-19 18:00:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ