كىچە خىياللىرى
نۇرىمانگۈل ئابلىمىت
دېرىزەمدىن قارىدىم كۆككە ،
كۆرۈنمەيدۇ نە ئاي نە يۇلتۇز .
تۇمان قاپلاپ كۆڭلىمنى ھەتتا،
خىيال بىلەن ياتىمەن يالغۇز .
ئالمىشپتۇ يۇلتۇز ئورنىغا،
ھەر خىل رەڭلىك ئىسىل چىراقلار.
قاماشتۇرۇپ كۆزلەرنى ھەتتا،
سانالمايمىز ئەمدى يۇلتۇزلار .
پەرزەنتىمىز سورىماس بىزدىن،
مىنىڭ بەخت يۇلتۇزۇم نەدە؟
سورىمايدۇ بىزلەردىن ئەسلا،
ئاققان يۇلتۇز چۈشتى قەيەرگە ؟
شۇنچە تىنجىق يازنىڭ ئاخشىمى،
ئۆكسىمەيدۇ شاۋقۇن شەھەردە.
چىلىمايدۇ خورازمۇ ئەسلا،
ئويغانمايمىز شۇڭا سەھەردە .
راھەت ئىزدەپ ياشاپ ھاياتتا،
روھىمىزنى قاپلىدى تۇمان.
بەخت ئىچىدە تۇرۇپمۇ ھەتتا ،
ئۆزىمىزدىن قىلدۇق ھەم گۇمان .
خىياللىرىم ئالدى قوينىغا،
تەبىئەتنىڭ گۈزەل چىھرىنى.
ئۇيقۇ قاچتى كۆزۈمدىن ئاستا ،
سىغىنىپ مەن يىزام مىھرىنى.
گۈزەل ئىدى سەھرا كىچىسى،
تومۇزغىلار سايرايتى تىنماي.
پاقىلارمۇ كۇرۇلداپ گاھى ،
ئىتلارمۇ ھەم قاۋاپ توختىماي…
2016-يىلى6-ئاۋغۇست ئاقتۇ
| 38 قېتىم كۆرۈلدى | dil303 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-8-6 23:18:22 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|