قانداقمۇ دوستلۇققا يارايدۇ ئۇلار
ئابدۇرسۇل ئەزىز (قۇتلۇق شەرەف)
بەزىلەر مەنسەپ دەپ دوستىنى ساتار،
نەپ ئۈچۈن سۆزىدىن خوشامەت ياغار،
ئارقىدىن غەيۋەتتە يامان سۆز قاتار،
دۈشمەنگە دوستىنىڭ ئەيبىنى ئاچار·
قانداقمۇ دوستلۇققا يارايدۇ ئۇلار…
بەزىلەر يانچۇققا تۇتقان دوستىنى،
دوستىغا تۇيدۇرماي ئىچكى پوستىنى،
ئايرىيدۇ دوستىنىڭ ئەسلى ۋەسلىنى،
ئاشكارلاپ ئاخىرى يامان قەستىنى،
قانداقمۇ دوستلۇققا يارايدۇ ئۇلار…
بەزىلەر دوستىنى يايرىدىن ئايرىپ،
بىھۇدە دوستىغا تۆھمەتلەر ئارتىپ،
دوستىنىڭ يايرىنى ئۆزىگە قارتىپ،
بەختىتىن ئازاپقا دوستىنى تارتىپ،
قانداقمۇ دوستلۇققا يارايدۇ ئۇلار…
بەزىلەر دوستىغا قاپقانلار قۇرار،
دوستىنىڭ ئالدىدا ھىجىيىپ تۇرار،
ئارقىدىن ھېيىقماي پىچاقلار ئۇرار،
ئوخشايدۇ تۈلكىگە ئادەمغۇ شۇلار،
قانداقمۇ دوستلۇققا يارايدۇ ئۇلار…
بەزىلەر ئىتچىلىك بىلمەيدۇ ۋاپا،
دوستىغا ھەر زامان سالىدۇ جاپا،
پۈتمىسە ئىشلىرى بۇلىدۇ خاپا،
يۇقمۇدۇ ئۇلاردا بىلىم ۋە ساپا،
قانداقمۇ دوستلۇققا يارايدۇ ئۇلار…
2016-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
(كۇچا)
134 قېتىم كۆرۈلدى | rusul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-11 5:31:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-2-27 18:14:28 | رىسالەت |
بۇ شېىر ياخشى يىزلىپتۇ |
2017-2-26 14:14:32 | ipir |
bu.xiernig.mazmuni.bak.yahxi.yiziliptu.bazilir.oz.mznpatini.dostiga.ora.kolaydiganlarga.bak.quxuptu |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|