ياۋا گۈل
ئاپتۇرى : تۇردىمۇھەممەت نىيازباقى ئاقىل
سەن تاغدا ئۆسكەن تەنھا ياۋا گۈل ،
يايلىقىمدا يۈگۈرگەن شاش تاي .
تىنىقىڭنى ئېپ كەلسە سەلكىن ،
خىيالىمدا كۈلەر مىسكىن ئاي .
ئولتۇرىدۇ يۇمران ئەتىرگۈل ،
كەينىمدىكى كونا ئۈستەلدە .
تارتىشىدۇ كۈزۈم قارىقى ،
تېڭىرقىغان ئاچا ئۆتكەلدە .
كۆزلىرىمنى تارايدۇ خىيال ،
تۈن نىسپىدىن چىقسىمۇ چولپان .
تىلسىماتتىن بەرسەم بىشارەت ،
بىخەۋەردەك يۈرىيدۇ جانان .
| 36 قېتىم كۆرۈلدى | akilogli | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-13 14:32:49 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|