مۇھاببەت - ئابدۇلئەزىز مۇختەر

سۆيىمەن سېنى

 

 ئابدۇلئەزىز مۇختەر

 

بۇ كېچە خىيالىم يەنىلا سەندە

 سېغىنىش ئوتىدا كۆزۈممۇ نەمدە

 قەلىمىم ئاجىزدۇر سۆزلەشكە  دەرتنى

 ياتىمەن ئازابتا، مىڭلارچە غەمدە

 بەلكىم سەن ئەسلىدىڭ سېغىنىپ مىنى

 ۋە بەلكىم ئەسلىدىڭ باشقا بىرىنى

 ۋە بەلكىم سەن بولدۇڭ ئۇيقۇغا غەرىق

 بىلمەستىن قەلبىمگە سالدىڭ ئازابنى

 بىلمەيمەن ئاتىدىڭ كىمگە ئۆزۈڭنى

 ۋە ياكى كىملەرگە باقتىڭ كۆزۈڭنى

 مەۋھۇمدۇر مەن كۈتكەن ۋىسال دوقمۇشى

 ۋە لېكىن سۆيۈشۈم روشەندۇر سېنى

 

 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى كېچە





128 قېتىم كۆرۈلدى dilkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-23 11:16:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ