رازى مەن بىر ئۆمۈر تارتسام مۇشاققەت
ئابدۇلئەزىز مۇختەر
مۇئەللىم دەپ ئاتالدىم بۈگۈن،
نام-ئاتاق قايتىدىن تۇغۇلدى بۈگۈن،
پايانداز سېلىندى يولۇمغا بۈگۈن،
رازى مەن بىر ئۆمۈر تارتسام مۇشاققەت.
ئۇلۇغۋار كەسىپكە تاشلىدىم قەدەم،
يانمايمەن يۇتساممۇ زەرداپ ۋە ئەلەم،
بارلىقىم كەسپىم ئۈچۈن، ئىچىمەن قەسەم ،
رازى مەن بىر ئۆمۈر تارتسام مۇشاققەت.
ئارتۇقچە خىياللار بولدى ئەمدى بەس،
ئالاي مەن كەسپىمدىن ھۇزۇرلۇق نەپەس،
سۆزلەشتىن باسسىمۇ گەرچە لەۋنى گەز،
رازى مەن بىر ئۆمۈر تارتسام مۇشاققەت.
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
| 254 قېتىم كۆرۈلدى | dilkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-19 18:33:00 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|