ئاتاڭ يىغلاپ قالمىسۇن
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)
ئاخشام ئىچكەن گۈل چاينىڭ،
چىقمىغانتى ھاردۇقى،
سوۋغا قىلغان چاپاننىڭ،
يىرتىلىپتۇ قولتۇقى.
بارغان ئىدىم دوقمۇشقا،
ئايلىناي دەپ بازارنى،
ئىشەنمىدىم كۆزۈمگە،
تېپىۋاپسەن ناداننى.
نومۇس يوقمۇ سېنىڭدە،
ھەر پەسىلدە ئۆزگۈرۈپ،
بولدى قىلىڭ ھەي قىزچاق،
نايناقلىما چۈش كۆرۈپ.
خۇمار بولما گۈللەرگە،
ياكى بىر ۋاق تاماق دەپ،
زاغرا يېسەڭ تويۇرسەن،
نۇمۇس قىلغىن،بىل ئەدەپ.
بىلەلمەمسەن ئۇچۇشنى،
گۈللەر قىسىپ كۈلۈشنى،
بەدىلى بار تاماقنىڭ،
بىلىپ يىگىن قۇسۇشنى.
ئاناڭ رازى بولمىسا،
سىڭماس يىگەن تامىقىڭ،
مەپتۇن بولما نازلىنىپ،
ياراشمايدۇ قىلىغىڭ.
كونا يارنىڭ مۇڭلىرى،
يۇمشاق ئىدى قۇلىقى،
يانچۇق قۇرۇق بولسىمۇ،
كەتمەيتتىغۇ پۇرىقى.
تېڭىرقىدىم بىلەلمەي،
ياكى تارتىپ كىلەلمەي،
قاراپ قويدۇم بىلمىدىڭ،
قانداق قىلاي دىيەلمەي.
بولدى قىلىڭ ھەي سىڭلىم،
باردۇر كۈننىڭ ئەتىسى،
ھايا قىلغىن بوۋاڭدىن،
ئەخلاق ئادەم زىننىتى.
ئۆيگە قايتىڭ بولدى بەس،
شېرىن چۈشلەر ئارتۇقچە،
ئاتاڭ يىغلاپ قالمىسۇن،
نامەرت يارىڭ ساتقۇچە.
53 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان( كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-28 3:44:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|