مىنى سۆيگەن قىز
مەۋلان ئىلىجان
تاتلىق خىيال ئاچچىق ئۆتمۈشلەر،
پات-پات كۆككە قاراپ ئۆكسۈشلەر.
قەلبى چاك-چاك يۈرەگى زېدە،
قان-قىنىدا ھەسرەت ئۆركەشلەر.
بىر شادلىقنى تىلەيدۇ ھەرچاغ،
كۆڭلى ئاپئاق كەڭدۇر زىيادە.
بارلىغىنى بېرىپ ئاقىۋەت،
ئۆزى يالغۇز قالغان پىيادە.
ھىدى ئىپار بويلىرى زىلۋا ،
جىسمى گۈلخان كۆيدۈرەر دىلنى،
ئايدىن گۈزەل كۈندىن مېھىرلىك.
سۆزى شەربەت ئىللىتار جاننى.
جۇدالىقتىن سۆكۈلگەن دىلى ،
سۇلغۇن چىراي كىرپىكلىرى نەم.
ئويماق لېۋى مەھكەم جۈپلەنگەن،
چېچى چۇۋۇق كۆزلىرىدە غەم.
پىچىرلىغاچ بوغۇق ئاۋازدا.
ئولتۇراتتى ھالسىراپ ئەنسىز.
قىنى قەسەم قېنى سۆيگۈ دەپ،
نالە قىلىپ مىنى سۆيگەن قىز.
| 65 قېتىم كۆرۈلدى | karatuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-30 23:31:14 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|