يالغان - رىزۋانگۈل (مودەن)

يالغان
رىزۋانگۈل(مودەن)

قەلبىڭنى گەر چۈشەنمەي، ھەۋەستە سۆيگىنى يالغان.
سۈكىت قىلسا دەردىڭگە،يۈرەكتىن كۆيگىنى يالغان.
ئ‍اقسا كۆزۈڭدىن تامچە ياش ئ‍ۆرتەنمىسە يۈرىكى،
يامغۇر كەبى ياش تۈكۈپ ئ‍ازاپتا يۈرگىنى يالغان.

يايرىمىسا گەر جانلىرى چىن كۈلكەڭدىن شاتلىنىپ.
مەيدە تۇتۇپ سەن ئ‍ۈچۈن قاقاقلاپ كۈلگىنى يالغان.
گۈل بولمايدۇ تىكەنسىز ئ‍ىنسانمۇ ھەم نوخسانسىز.
بارلىقىڭ ھەم سۆيمەستىن ئ‍ەزىز دەپ بىلگىنى يالغان.

2016-يىل،2-ئۆكتەبىر.مايتاغ
     





60 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل (مودەن) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-3 9:24:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-6 11:27:35 سەۋدا
بەك ياقتۇردۇم. ئاشىقلىق يۈرەكتىن بولمىقى لازىم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ