بۆلەك
( غەزەل )
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
(شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىنىڭ ئەزاسى )
ھېچ كېرەكمەس ئۆزگە دىلبەر سەن گۈزەل ياردىن بۆلەك ،
سۆيگۈسى جاننىڭ ئارامى دىلغا ئەسراردىن بۆلەك .
غەيرى "پەرى "ئىز باسالماس چىن سۆيۈپ مەيلىم ئۇتۇپ ،
سەن كەبى شېرىن -سۇخەن ، مەڭزى ئاناردىن بۆلەك .
قارا يۈز بولمامدىمەن يار تاڭلا "مەشۇق "ئىزدىسەم ،
سەن ۋاپادار ،پاك پەزىلەت ،قەلبى باھاردىن بۆلەك .
بارچە ئىقلىمنى كېزىپ مەن ياخشى دىلكەش تاپمىدىم ،
سەندەك غەمخان -مېھرى ئوكيان چىن ۋاپاداردىن بۆلەك .
دىلرابا جانىم تەسەددۇق بىر ئەمەس ،يۈزمىڭ قېتىم ،
پاك سۆيگۈمگە قىبلىگاھ يوق سەن پىداكاردىن بۆلەك !
ئاپتۇر: بورتالا شەھەرلىك رادىيو -تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن
2458 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-10 0:33:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-16 19:44:06 | مەشئەلى |
بۇ غەزىلىڭىز بەك ئېسىل چىقىپتۇ ئاكا،قەلىمىڭىز مەڭگۈ بەرىكەتلىك بولسۇن. |
2017-3-11 14:31:12 | سەبىر |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|