سەھرادا سەھەر - ئابلىمىت ئابلا

سەھرادا سەھەر
ئابلىمىت ئابلا

ئىشەنسەڭ سەھەردە سەھرا بەك گۈزەل،
سىمايى لال قىلۇر بۇلاق كۆزۈڭنى.
ھاۋاسى شۇنچە ساپ تەنلىرىڭ يايرار،
ھىس قىلساڭ ۋۇجۇدۇڭ سۆيىدۇ ئەلنى .

سىزىم- سىزىم چىغىر يول ئارلاپ ،
يۈردۈم شەبنەملىك گۈزەل ئىتىزلار.
ساپلىقتىن تەنلىرىم ئۆرتەندى شۇنچە،
مەن ساڭا چۆكىمەن باراڭدا ساقلاپ.

مەن دوستۇڭ سەن بىلەن مەڭگۈگە ئاداش،
سەندىكى ساپ ھاۋا بىزلەرگە قانات.
سەھەردە چىققان سابا قۇياشىڭ،
سەن بىزگە تۇتقان ئەڭ ئىسىل سوۋغات.

ھەر زامان جۇلالان سەھەردە ساپ ھاۋا،
ساپلىق بولماس سەنسىز ھاياتلىق.
تەبىئەت ئانا سەن جىسمىڭدامىھىر،
قانمايمىز سەھرادا سەھەرنى پۇراپ.


2016.12.9





93 قېتىم كۆرۈلدى urtanma ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-10 10:04:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ