ئانامغا - ئابلىمىتجان ۋاھاپ تەنھا تۇرنا

 ئانامغا
ئابلىمىتجان ۋاھاپ  تەنھا تۇرنا

قوللۇرىڭغا قارىدىم …
قورۇق بىسپتۇ…
چىرايىڭغا چىقىپ كىتىپتۇ…
ھاياتنىڭ ئىزنالىرى…
باللىرىم ،كاللىرىم،قويلىرىم …
دەپلا ئاتتى تاڭمۇ…
سىخىيلىق بىلەن كۇلۇپ…
قوشۇلدى كۇلكە  يۇزىڭگە…
ناشتىلارغا قىتىلدى …
ناۋات ،شىكەر، قەن بولۇپ…
باللىرىڭ تىتىماي تەمىنى …
كالىلىرىڭ ئالدىغا ئاتتى يىمىنى…
سىنىڭ كۇنۇڭ ئالدىراش …
ئۆتتى بالام، ئىتىز،دەپ ھەم مىغىز…
تۇرمۇش قىلدى، سىنى ئۇلۇغ زات…
بالا غىمى ،كالايىمى يەنە…
غەملىرىڭدە غەم قوشۇلدى قات قات…
بالام قىزىم تۇرمۇشى قانداق بولار …
مەندىلا تۇگسۇن جەبىر …
قاراپ قالماس باشقىلارنىڭ قولىغا…
دەپلا ئوقۇتتى بىر بالىنى زورلا…
ئەردەك  بالاڭ ئوينايدۇ…
بىر ئىشنى قاملاشتۇرالماي…
يەنە بىرى ئىللىق ئائىلىسىنى…
بەرپا قىلالماي، ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي…
يۇردى ئانا،يەنە ئالدىڭدا …
ئارقاڭدا،ئوڭ سول بىقىنغا كىرىپ…
جاپانى بەردۇق قەۋەتلاپ ساڭا …
كۆتۇردۇڭ تاشلىمىدىڭ يەنە كۆتۇردۇڭ…
تاشلىدۇق بالام دەپلا بىرىمىز…
تاشلىدۇق قويۇم دەپلا بىرىمىز…
تاشلىدۇق كالام دەپلا بىرىمىز …
تاشلىدۇق ئوقۇش دەپلا بىرىمىز…
تاشلىدۇق خوتۇن دەپلا بىرىمىز…
تاشلىدۇق ئوتۇن دەپلا بىرىمىز…
تاشلىدۇق تۇتۇن دەپلا بىرىمىز…
ھەممە تاشلىدى …
بالام دەپ …
كالام دەپ تىخى…
قويۇم دەپ …
ئوقۇش دەپ …
خوتۇن دەپمۇ  …
قالاشقا ئوتۇن دەپمۇ…
مورىدىن تۇتۇن دەپمۇ…
كەتتى مانا خوتۇنمۇ…
قالدى بۇلۇڭدا ئوتۇنمۇ…
چىقمىدى مورىدىن ھەم تۇتۇنمۇ …
تاماقمۇ بولمىدى كۇنىدە بىرۋاخ پۇتۇنمۇ…
ھىيىقماي كىرىپ كەلدى يىنىڭغا ئانا…
پىشتىمۇ تاماق ،ئاچتىغۇ قورساق…
ئىغىل جىمجىت قويلار يوققۇ…
مۆرىمەيدۇ كاللار يوققۇ…
كەپتەرلەرمۇ ئايلانمىدى…
خوراز تىخى چىللىمىدى…
مىكيانلار دانلاپمۇ قويمىدى…
سىتىۋىتىلدى بۇنى بىلمىدۇق…
بالا ئۇچۇن …
مەكتەپ ئۇچۇن …
بىرىگە خوتۇن ئۇچۇن…
تۇتقان ئۆيگە ئوتۇن ئۇچۇن…
ھەممە تۇگدى،بالىلىرىڭ ئۇچۇن …
ئانا يەنە پولۇ يۇزىمىزنى كۆتۇردۇق ئالدىڭدا…
لىگەندە ، تاۋاقتا ، داستا ، ئەيتاۋۇر چىققۇدەكلا نەرسىدە…
پۇشايماندا ياتتۇق سوزۇلۇپ …
يىلاندەك تولغۇنۇپ،ئاھ ئۇرۇپ،پەرياد چىكىپ …
ئۆزىمىزنىڭكىنى توغرا دىدۇق ،
قورۇقلارغا قاراپ نىمە بولدۇڭ دىمىدۇق…
ئوقۇش پۇتتى كەلدى كاللا ئىچىلدى…
كۆردى،قارىدى ئەتراپقا …
باغۋارانلار يوق ، قوتاندىكى قوي يوق ، كىرسە مۆرەيدىغان كالىلارمۇ يوق…
ھەممە جىمجىت،تۇرىدۇ تۆت يەردە ئىگىسىز ئۆي……
خوتۇن كەتكەن يامانلاپ ئۆيىگە…
سۇ سىپىلمىغان توپا باسقان ئۆيگە…
بىچارە ئانا يەنە بالام دىگىنى دىگەن…
كىلىن قىز بولمىغاچ سۇ سىپەر ئوغۇل ئۆيىگە…
بىرنى تازلاپ بىرگە ماڭغان…
تۇرمۇش قۇرغان بالىلىرىغا ، يەنە قازاننى ئاسقان…
تامىقىنى ياراتماي …
تۇزى ئانداق …
چۆپى مانداق…
باللىرىڭ  ئالدىغا ئاتقان…
ئايالنى ئۆزى ئەكىلەلمەي …
بىچارە ئانا بىرىپ …
قۇدىلاردىن گەپ ئاڭلاپ…
كەچۇرۇم سوراپ…
ۋەدىلەر بىرىپ…
ئەلەمنى ئىچىگە يۇتۇپ …
قايتۇرۇپ كەلسە …
ئانا يەنە گۇناھكار …
ئىككى سائەتتىن كىيىن …
خوتۇننى ئوغۇلى بىلەن ئىناق…
ئۆيدىن چىقماي كەچكىچە ياتقان…
كىلىن تاماق ئىتىشكە چىقماي …
ئۆينى ، ھويلا ئارامنى تازلىماي…
ئىشىكىدىن ئاۋاز چىقسا مايلىماي…
ماڭقىسىنى ئىقىتسا بالىسى قايلىماي…
بىچارە ئانا ،نەۋرىسىگە …
گۇلە قاق،جىگدە بادام…
ياڭاق پىستە…
ئىتىكىدە غەلۋىردە …
يىغا تۇتتى كەنجى ئوغۇلنى…
ئانا  بۇ جاپالار ، سىنىڭمۇ…
بالا تۇغۇپ باقتىڭ چوڭ قىلدىڭ…
كۆتۇردۇڭ ، پەپىلىدىڭ ،يىتىلىدىڭ …
بولدى ئىشقا يارىغۇدەك…
بۇيرىدىڭ ،قاچتى تۆت شۇم بىلەن…
چىتلاق ئارا قۇم ئارا…
ئوينىسا ئوينىسۇن دىدىڭ …
قارىغۇ بولاي دىدى،ئاز قالدى قۇم بىلەن…
ئاپاردىڭ دوختۇرخانىغا …
ھاپاش بىلەن …
يەنە ساڭا يۇكمۇ بىز …
تۇرمۇش قۇردى، چوڭ ئاكام…
يۇردى ئەنە دەپ كالام…
ئاچاممۇ ئىناق ئۆتىۋاتىدۇ…
ئائىلەم ،بالام دەپ…
دادام بىلەن ئىككىڭلار ……
كۆتۇردۇڭلار …
پەپىلىدىڭلار …
باشلىدىڭلار …
بىز ئۇچۇن كۆزۇڭلارنى ياشلىدىڭلار…
سىلەر ئۇچۇن بىز بىر ئىش قىلالماي…
ھەلەپ ئەتكەن دامنىڭ قولىدىن…
تاماق ئەتكەن قولۇڭدىن…
پىيادە ماڭغان يولۇڭدىن …
مەن قىلاي……
كىلىن قىز قىلسۇن…
سىلەر تۇرغاچ تۇرۇڭلار مەن باراي…
دىمىدۇق……
جاپاكەش ئانا……
مەندەك بالاڭ سىنىڭ ئارزۇيۇڭ …
ئۇمۇدۇڭ…
كەلگۇسىڭ…
ئەۋلادىڭ…
مەندە يىتىلدى …
قائائەتچىللىك…
ئەقىل ئىدىراك ،ئىرادە،ئارزۇ…
ئاكىللىرىم قالدى يىرىقتا،بەردى يۇكىنى…
مەن بولساممۇ كۆتۇرۇشۇپ بىرەي ئانا…
بەرگىن ماڭا…………
ئاكام ئۇچۇن مەن قىلاي نەسھەت …
ئانىغا كۆيۇنىشنى،ئايالىغا ، بالىسىغا ،قوتاندىكى بىرلا كالىسىغا……
كىچىكىمۇ ئەككىلىۋالسۇن …
ئايالىنى …
بالىسىنى…
ئاڭلاۋەرمىگىن ئۇلارنىڭ نالىسىنى…
تۇرمۇش قۇردى…
قەدىمى ئىچىلدى…
توغۇرلاپ ماڭسۇن ،
ئايالىنى ،بالىسىنى،كالىسىنى…
تۇرمۇشىنى ئەمدى ، قىسىلماي…
باقسۇن…
تاپسۇن …
ھالال ئىشلەپ پۇل ، يۇز ئابروي ،مال دۇنيا…
ئەمدى…
ئايالنى قالدۇرمىسۇن بالدۇرلا تۇل……
ئانا سەن بىز ئۇچۇنلا بولغانمۇ قۇل……
ئانا…
………ئانا…………
……ئانا
ئانا…………

ئابلىمىتجان ۋاھاپ  تەنھا تۇرنا
     





103 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-12 13:11:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ