يىتىملەر
ئىلياس سابىر«ئاققاش»
يۈتتى بۈگۈن ھىلالدەك يۈزلەرىدىن كۈلكىلەر،
تۆكتى يىغلاپ ھەسرەتلىك كۆزلەرىدىن ئۈنچىلەر.
بىر گۈل تۇرۇپ ھاياتتا غۇنچەلىرى ئېچىلماي،
شاتلىقىدىن ئايرىلىپ خارلانمىسۇن يىتىملەر.
قېنىپ بىركۈن شاتلىنىپ ئويناپ كۈلەلمەي تۇرۇپ،
ئاتا-ئانا لىۋىگە قېنىپ سۈيەلمەي تۇرۇپ،
تۆكۈلدىغۇ بەختىنىڭ گۈل غۇنچەلىرى قۇرۇپ،
نالە ئەيلەپ ھاياتقا، خارلانمىسۇن يىتىملەر.
ئەمدى تۆكۈلمىسۇن يىتىملەر كۆزلەرىدىن ياش،
ياراتقانغۇ ئۇلارنى خۇدا بىزلەرگە ئوخشاش ،
ئەزمىسۇن يۈرەگىنى يىغلاپ، يالۋۇرۇپ ياشاش،
تەقدىرىدىن ئاغرىنىپ خارلانمىسۇن يىتىملەر.
ئىلياس سابىر «ئاققاش» 01/01/ 2016
| 116 قېتىم كۆرۈلدى | elyasakkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-24 1:14:52 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|