كېلەلمىدىڭ

         كېلەلمىدىڭ كەلگەندە باھار
ئابدۇرازاق شەمئى

كېلەر دېدىم كەلگەندە باھار،
كېپىنەكتەك ئۇچۇپ بېغىمغا.
ئۇچۇرۇڭنى بەرگىن شامالدىن،
كېلەر بولساڭ گۈلۈم يېنىمغا.

خەۋىرىڭنى بەرمىدى ھېچكىم،
كىرپىكلەرگە قوندىغۇ شەبنەم.
يوللىرىڭدا تۇسۇق بارمىدى؟
قايتىپ كەلدى تورنىلارمۇ ھەم.

ۋىسالىڭغا ئىنتىزار بولۇپ.
يۈرىكىمگە تولدى قان-زەرداب.
كېلەلمىدىڭ كەلگەندە باھار،
قويغانمىدىڭ يا مېنى ئالداپ.

2016.10.16
ئاپتورى: قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل- سەنئەت ئىنستىتۇت ئوقۇغۇچىسى

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ئۈندىدار  : 2042420589

 

ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!



     


     





106 قېتىم كۆرۈلدى abdurazak ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-7-2 9:03:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ