ئانامغا بىغىشلايمەن
رەجەپ يۈسۈپ
ئانامكەن ئەسلىدە مىنىڭ جەننىتىم ،
ئانامكەن ئەسلىدە مىنىڭ زىننىتىم .
ئۇنىڭسىزبولماسكەن ئەسلا قىممىتىم ،
تىلەيمەن رەببىمدىن ئانام ئۈمرىنى .
بىشىمغا غەم چۈشسە ئانا دەپتىمەن ،
ۋەلىكىن بىرقىتىم مۇڭداشماپتىمەن .
بىر كۈنى كىتەر دەپ ئويلاشماپتىمەن ،
قايتۇرسام تۈگىمەس ئانام ئەجرىنى .
ھەتتاكى پايپاقنى يۇيالماي پاكىز،
ئۇنىڭسىز نە سۆلەت يۈرىشىم رەتسىز .
بالىلىق نادانلىق ئىكەنمەن كەپسىز ،
چوڭ بولۇپ چۈشەندىم ئانام قەدرىنى .
ئارزۇيۇم ئانامنى كۈلدۈرسەم دەيمەن ،
ئات بولۇپ بىشىمغا مىندۈرسەم دەيمەن .
ئانامغا مىھرىمنى يەتكۈزسەم دەيمەن ،
مەن بۈگۈن ھىس قىلدىم ئانام جەبرىنى .
چىرايلىق كىم دىسە جانان دەپتىمەن ،
ئاي كەبى ئانامكەن مەن بىلمەپتىمەن .
ئانامكەن ئەسلىدە مىنىڭ بايلىقىم ،
ئۇ تارىتقان جاپانى مەن كۆرمەپتىمەن .
ئانامكەن دۇئادا بەختىم تىلىگەن ،
ئانامكەن مەن ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن .
ئانامكەن يىقىلسام ئاۋۋال يۆلىگەن ،
ئۇ بولغاچ جاپانى مەن كۆرمەپتىمەن .
ئانامنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەپتىمەن ،
ئانامنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەپتىمەن .
ئەسلىدە بەختىمنى كىشەنلەپتىمەن ،
چۈشەندىم ھىلىمۇ كىچىكمەپتىمەن .
| 74 قېتىم كۆرۈلدى | hamkin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-14 22:17:36 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|