كۆزلەر سۆزلەيدۇ - شاھتۈرك

 كۆزلەر سۆزلەيدۇ
ئەمەرجان ماخسۇت شاھتۈرك


ئەجەبكى بىر ئىشكەن ھەيرانمەن توۋۋا،
كۆيدۈرۈپ يۈرەككە ئوتنى يېقىشىڭ.
دېمىگىن ھېچنىمە ئەمدى قايتىلاپ،
جېنىمنى ئالىدۇ ئوتلۇق بېقىشىڭ.

قارايمەن قانماستىن نىگاھىڭ ئارا،
بىر بۇلاق مىسالى بۇلدۇقلاپ تۇرار.
قەلبىمنى ئۇخچۇيدۇ ۋېسال شارابى،
بىر تاتلىق تۇيغۇلار دىلدا جۇش ئۇرار.

كەلكۈن بۇپ باسماقتا ئىككى تامچە ياش،
مەن چاڭقاق زېمىنى يۈرەكتىن ئاقسا.
ئاھ شۇنداق ماڭىلا قاراپ تۇر جېنىم،
خائىن دەپ ئاتايمەن باشقىغا باقسا.

تىنىچ تۇر دېڭىزدەك چۆكەي تەكتىگە،
باغرىنى غەۋۋاس بۇپ سەيىرلەر ئېتەي.
كۆزلەر سۆزلەيدۇ شۇقەدەر شېرىن،
شۇڭغۇيچۇ ۋەيەنە ئۆلۈپلا كېتەي.

2016-يىلى 4-ئۆكتەبىر يۇرتى قاراقاش
     





55 قېتىم كۆرۈلدى xahturk666 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-6 0:22:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ