قۇتلۇق بولسۇن يايرىم تويۇڭغا
قىزىل تۇمان
ئۆزگە يارنى تېپىپسەن بۈگۈن،
كۆڭلۈمدە يېشىلمىدى تۈگۈن،
بەختىمنى مەڭگۈ قىلدىڭ سۈرگۈن،
قۇتلۇق بولسۇن يايرىم تويۇڭغا.
ئاق لىباسقا ئورىلىپسەن يار،
ماڭا ياشاش كەلدى بەكمۇ ھار،
يۈرىكىمدە لەپىلدىدى قار،
قۇتلۇق بولسۇن يايرىم تويۇڭغا.
سىرغىدى كۆزۈمدىن ئاچچىق ياش،
يۈرىكىڭ ئىكەن يار بەكمۇ تاش،
يىغلىدى يۈرىكىم تۆكۈپ ياش،
قۇتلۇق بولسۇن يايرىم تويۇڭغا.
ئاغرىمىدى ئىچىڭمۇ ماڭا،
بەخت تىلەيمەن يايرىم ساڭا،
بەختلىك بول مەڭگۈگە يانا،
قۇتلۇق بولسۇن يايرىم تويۇڭغا.
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار ئالاقىلىشىش نومۇرى.15292532364
54 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-19 12:56:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|