تەنھا كىيىك

تەنھا كىيىك

 

ئەخمەتجان ئەھەت

 

مەن سىنى سۈيەتتىم كۆكتىكى ئايدەك،

چاقنىغان يۇلتۇز كۆزلىرىڭ گاھى.

شئېر يېزىلماس سىنىڭىسىز ئەسلا،

سەن مىنىڭ قارلىغىچىم ھېسلىرىم شاھى.

 

 تەڭىرىتاغ چوققىسى ئاپپاق پاختىدەك،

 يۈزۈڭنى ئاي دىسەم ئايدىنمۇ ئاپپاق.

سۆيگۈم سەن ئۈچۈن تۆكۈلگەن يامغۇر،

 لەۋلىرىڭ شەبنەمدە چاقنىغان ياپىراق.

 

سۈزەي سەن ئۈچۈن دەريادىن سەدەپ،

 ئۈزەي سەن ئۈچۈن ئازغاندىن مۇنچاق.

 سۆيسەم بۇلاقتەك زىناقلىرىڭ چۇڭقۇر،

ئۇماق كۆزلىرىڭ گۇيا قارا قۇمچاق.

 

مەن سىنى سۈيەتتىم بىلمىدىڭ زىنھار،

يازغان خەتلىرىم بولدى بىر تىيىن.

 ئەتىرگۈل مىسرادا تاشلىدى ياپىراق،

 دۇنيادا ياخشى يار سۆيمەك بەك قىيىن.

 

 ماي بۇياق سۈرەت ئېسىلدى تامغا،

 كۆزلىرىدە ياش شۇنچە ھەسىرەتلىك.

 ئوت–چۆپلەر قىپقىزىل بۇيالدى قانغا،

 چۈنكى مەن يارلانغان تەنھا بىر كىيىك.

 

ئاپتۇرى: ئەخمەتجان ئەھەت

يېزىلغان ۋاقتى:2008.يىل 7.ئاينىڭ27.كۈنى





238 قېتىم كۆرۈلدى kaplan08 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-3 22:52:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-10 11:23:21 نامانجان
ئىنتايىن ياخشى يېزىلىپ سىزنى قوللايمەن تېخمۇ تىرشىڭ
2016-1-10 1:17:26 سەمەتجان
خېلى ياخشى يېزلىپتۇ ئاپتۇرنىڭ قۇلغا دەرت بەرمىسۇن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ