كونا خاتىرنى ۋاراقلاش
مۇھەممەتجان ئەخەت (پېقىر)
تەڭ كېچە،
ئويغاقلىققا مەھكۇم بولۇپ،
ئۇيقۇ ھەققىدە ئۇزاق ئويلۇنۇپ.
ئاخىرى...
كونا خاتىرەمنى قايتىلاپ ئوقۇپ.
ئاھ...
بەتلەر خۇددى مىنىڭ قەلبىمدەك،
بەكمۇ ۋەيرانە،
يىرتىلىپ كەتكەن،
تىتىلىپ كەتكەن.
ئازاپلىق قۇرلار يەنە شۇ پېتى،
بەخىتلىك پەيىتلەر ئۆچۈرۋېتىلگەن،
سۆيۈپ تۇرۇپمۇ سۆيۈلمىگەن،
سۆيەلمىگەن...
يوقۇتۇپ قويۇپ قايتا تاپالمىغان.
ئۇنتۇپ ئاخىر ئەسكە ئالالمىغان...
ئۇنتۇش سەپىرىگە يول ئالالمىغان.
...
تۇزلۇق كۆز يېشى ئېغىزىمغا كىرىپ،
ئاچچىق كۈلدۈم.
خاتىرەمنى يېپىپ قويدۇم،
كۆرمەس بىريەرگە تىقىپ قويدۇم.
ياق...
يەنە ئۇيقۇمنى بۇزىدۇ بەلكىم،
ئەمدى
خاتىرمنى ئۇششاقلاپ يىرتىپ،
قىيماسلىققا ئىمكانمۇ بەرمەي،
گاھى كۈلۈپ
گاھىدا يىغلاپ.
شامنىڭ ئوتىدا كۆيدۈرۈپ تاشلاپ،
شام بىلەن تەڭ ئۆزۈممۇ ئۆچتۈم.
ئەمدى كىتىمەن تاتلىق ئۇيقۇغا،
ئەمدى كەتتىم .
خۇددى...
مەجنۇن چۆلدىكى قاغىنى كۆرۈپ،
لەيلىنىڭ قارا كۆزنى ئېسىگە ئېلىپ.
ھوشىدىن كەتكەندەك...
33 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەتجان ئەخەت (پېقىر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-24 2:19:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|