يەر تەۋرىمەي نىمە تەۋرىسۇن - نۇرمۇھەممەت مۇسا

يەر تەۋرىمەي نىمە تەۋرىسۇن ؟
نۇرمۇھەممەت مۇسا


سىناق تۇرسا پانى ئالىمى ،
گۇناھلارغا پاتسا ئادىمى .
پەرۋاسىز بوپ يۈرسە ئالىمى ،
يەر تەۋرىمەي نىمە تەۋرىسۇن ؟

قىز ئانىلار يۈرسە دىبادا ،
«ئۇلۇغ »ئاتا يۈرسە جۇبادا .
تەمتىرىسە  سەبى ۋاڭبادا ،
يەر تەۋرىمەي نىمە تەۋرىسۇن ؟

ئىچىپ ئويناپ يۈرسەك لەقۋا بوپ ،
كۆز بوياپلا يالغان تەقۋا بوپ .
يۈرسەك شۇنداق مايمۇن دەكلا بوپ ،
يەر تەۋرىمەي نىمە تەۋرىسۇن ؟

ئاجىزەنى قىلماي ھىمايە ،
ئادىمىيلىكتىن بولماي سىمايە .
يات ئېغىزىدا بولساق ھىكايە ،
يەر تەۋرىمەي نىمە تەۋرىسۇن ؟

ئۆتۈنۈشۈم ھەقنى تونىساق ،
نادانلىقنى ئەمدى قىلمىساق .

غەپلەت بىسىپ ئۇخلاپ ياتمىساق،
يەر تەۋرىمەي ۋىجدان تەۋرىسۇن !

2016-12-9     

     





357 قېتىم كۆرۈلدى نۇرمۇھەممەت مۇسا ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-10 2:26:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-26 1:33:20 مۇھەممەدئىمىن ئابدۇخالىق زىلۋاڭى
يارايدۇ ياخشى يېزىپلا 👍
2016-12-17 11:31:44 مۇنەۋەر
ئاجايىپ ياخشى يېزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ