سەن پۈتمەس بىر سۆيگۈ، مۇقەددەس قىبلە (شېئىر) - تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى

سەن پۈتمەس بىر سۆيگۈ ،مۇقەددەس قىبلە
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
(شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى )

قۇياشقا تەشنادۇر پۈتكۈل كائىنات ،
ياشاشچۈن ھەممىگە يۇرۇقلۇق كېرەك .
سەن قەلبىم سەتھىدە پاتماس بىر قۇياش ،
بار تەرىپ ساڭا خاس ئەزىزسەن، يۈكسەك .

ئانامدىن تۆرىلىپ ئۇشبۇ ئالەمدە ،
كۆز ئېچىپ كۆرگىنىم نۇرانە چېھرىڭ .
"كەل ئوغلۇم !"دېدىڭدە ، ئاچتىڭ كەڭ قۇچاق ،
نۇر بولۇپ جىسمىمغا تارالدى مېھرىڭ .

باغرىڭغا بۆلەندىم بوۋاق چېغىمدا ،
ۋەتىنىم سەن ئۆزۈڭ ئالتۇن بۆشۈكىم .
تۇپرىغىڭ بىر تالدىن سىڭدى قېنىمغا ،
سەن بولدۇڭ كۆكرەكتە ئۇرغان يۈرىكىم .

"ۋەتەن "دەپ تۇنجى رەت چىقتى بۇ تىلىم ،
دىلىمدا نامىڭنى قىلدىم مەن زىكىر .
تاغ -دەريا ،باغلىرىڭ ،قىر -ئىدىرلىرىڭ ،
تەپەككۈر خەزىنەمدە ئويغاتتى پىكىر .

تومۇزدا چاڭقىسام يەتكۈزدۈڭ زەمزەم ،
ياپرىغىڭ بېشىمغا بولدى سايىۋەن .
بەردىڭ سەن ھارارەت سوغدا تىترىسەم ،
سەن تۇغقان قۇياش، ئاي بولدى بىر لېۋەن .


ئۆمرۈمنىڭ يىلتىزى پەقەت سەن ئۆزۈڭ ،
سۆيۈملۈك تۇپرىغىم ئەزىز ئانىجان .
سېنىڭسىز يوق ئېرۇر مېنىڭ بارلىغىم ،
ھەر نەپەس -تىنىغىم ئەجرىڭدىن نىشان .

چىگىلگەچ مەن ساڭا يېشىلمەس بولۇپ ،
ئازاپتا ئۆرتەنسەڭ باغرىم بولدى خۇن .
نۇرلىنىپ كۈلگەندە گۈزەل باھارىڭ ،
شادلىقتىن چېھرىمگە يامراپ چىقتى كۈن .

ئاقىدۇ سەن ئۈچۈن ئىشقىم دەرياسى ،
گەز كەلسە تامچىلاپ ئاقىدۇ قېنىم .
گەر ئۆلسەم بىر زەررەڭ بولۇپ شۇ ھامان ،
تۇپرىغىڭ قېتىغا قوشۇلار تېنىم .

قۇياشقا تەشنادۇر  پۈتكۈل مەۋجۇدات ،
ياشاشچۇن نۇر كېرەك -يۇرۇقلۇق كېرەك .
پۈتمەس بىر سۆيگۈ سەن ،مۇقەددەس قىبلە ،
زەررەڭدىن تاڭ كەبى نۇرلىنار تىلەك !

ئاپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن
2017.3.22





16 قېتىم كۆرۈلدى xeydayi ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-27 2:03:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ