سېغىنساممۇ ئەمدى نە چارە
سېغىنساممۇ ئەمدى نە چارە ،
كەلمەس ئىكەن ئاشىقلىق يەنە ،
ئوتلىرىڭدا يانغان شۇ ئاشىق ،
مىسكىنلىكتە ئولتۇرار ئەنە .
سېغىنساممۇ ئەمدى نە چارە ،
كەلمەس سەندىن خوش خەۋەر يەنە ،
قىينالدى ئەجەپ ئاشىق يۈرەك ،
ۋىسالىڭغا يىتەلمەي ئەنە .
سېغىنساممۇ ئەمدى نە چارە ،
ئوڭ كەلمىدى مۇھەببەت ئەنە ،
ئۆچسە يانمىقى ئەجەپ تەسكەن ،
چىن سۆيگۈنىڭ ئوتلارى يەنە .
سېغىنارمەن سېنى ھازىرمۇ ،
كۆرۈشۈشكە يوقتۇر بىر بانە ،
سۆيگۈم قالسا ۋىسال تاپالماي ،
سېغىنساممۇ ئەمدى نە چارە .
| 44 قېتىم كۆرۈلدى | sb0428 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-15 7:49:17 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|