كىملەر
ئادىل تۇرغان
1
دوس بولۇپ دوستۇڭ دەپ ياشايدۇ كىملەر،
خۇش كۈلۈپ ئارقاڭدا قاقشايدۇ كىملەر.
تاغ كەبى دەتلەردە ئىگىلسە قەددىڭ،
ئارقاڭدىن يۆلەك بوپ تىرەيدۇ كىملەر .
2
دۇنيارىڭ بارچاغدا ئىتتەك قاۋىشىپ،
سەن ئاتقان سۈڭەكنى يالايدۇ كىملەر .
ئالدىڭدا ھىجاراپ مال دۇنيا ئۈچۈن ،
ئارقاڭدىن بىر خەنجەر سانجىدۇ كىملەر.
3
يىقىلىپ يۆلەكسىز قالغان چىغىڭدا،
يىنىڭدا يۆلەك بوپ ياشايدۇ كىملەر .
نۇر كەبى ھاياتتا گۈللىنىپ قالساڭ ،
مەيدەڭگە قىزىل گۈل تاقايدۇ كىملەر .
4
خاتالىق ئۈستىگە ئالغاندا قەدەم،
خاتادىن يانغىن دەپ قاقشايدۇ كىملەر .
پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ھەر ۋاقىت ،
ئالدىڭدا ھىجاراپ باپلايدۇ كىملەر .
5
مىڭ قىلغان ئىشىڭنى نۆلگە تەڭ قىلىپ،
تۇنجى رەت خاتادا باتنايدۇ كىملەر .
پۇرسىتى كەلگىندە سىنى خار قىلىپ ،
ئاقنىمۇ قار قىلىپ چاپلايدۇ كىملەر .
ئاپتۇرى // ئادىل تۇرغان
غۇلجا ناھيە
15599637818
| 76 قېتىم كۆرۈلدى | kuxkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-31 22:29:25 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|