تونۇشمىسام بوپتىكەنغۇ ئەسلىدە (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 تونۇشمىسام بوپتىكەنغۇ ئەسلىدە
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

تونۇشمىسام بوپتىكەنغۇ ئەسلىدە،
قېينالدىغۇ ئېزىز جېنىم ھەسرەتتە،
سىقىلدىغۇ يۈرەكلىرىم،بىلمىدىم،
قانداق قىلاي،قوبۇل قىلدىم تەشۋىشتە.

تونۇشمىسام بوپتىكەنغۇ ئەسلىدە،
ئىزىقتۇرسا نىمە ئامال،كەچكۈزدە،
قەسەم قىلاي،ئۇچراشماسمەن قايتىدىن،
كېتەي بولدى،ئۆيۈمگىلا غەيرەتتە.

تونۇشمىسام بوپتىكەنغۇ ئەسلىدە،
شەيتان ئىكەن،جۈرئەت يوقتۇر ئەسلەشكە،
پۇل-پۇچەكنى ئويلىمىدىم،كەچۈرگىن،
يەنە قالماي پۇشايمانغا،ھەسرەتكە.

تونۇشمىسام بوپتىكەنغۇ ئەسلىدە،
دەرتنى سالماي،كىلىپ-كىتىپ ھەردەمدە،
ناشتىلىقنى ئويلىغانمۇ بىلمىدىم،
زەھەر سالماي،ئۇدۇل كەتكىن ئۆيىڭگە.

تونۇشمىسام بوپتىكەنغۇ ئەسلىدە،
نىقاۋىڭنى بىلدۈردىڭغۇ ھەردەمدە،
كەچكىنىڭدىن يېرىم ئەمەس بۇ كۆڭلۈم،
غورۇرۇمغا چېقىلمىساڭ ھەردەمدە.
     





159 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-7 0:29:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ