كۈندە سىنىڭ بايرىمىڭ بولسۇن (3.8 كۈندىكى ئاياللار بايرىمغا بېغىشلايمەن) - ئوسمانجان دولان

كۈندە سىنىڭ بايرىمىڭ بولسۇن !


ئوسمانجان دولان


2017-3-7كۈنى 


كەپتۇ يەنە ئاياللارنىڭ بايرىمى،

خوش كەيپىيات ھەمرا بولسۇن ئۇلارغا.

ئازلىق قىلار يىلدا بىر كۈن بۇ بايرام،

كۈندە بايرام بولسا دەيمەن ئۇلارغا.

…………

ئايال دەيمىز ئ‍ايىمىدۇق ئۇلارنى،

تاڭ ئ‍اتسىلا تالاي ئشلار ئالدىدا.

كىر- قات يۇيۇپ تاماق ئ‍ەتكەن قوللىرى،

چاك- چاك بولۇپ يېرلاركەن جاپادا. 

…………

سەھەر تۇرۇپ تاماق ئ‍ىتەر بالام دەپ،

كېچە- كۈندۈز پەرزەنتىنىڭ غېمىن يەپ. 

پاكىز كىيپ كەتسە ئ‍ۇلار مەكتەپكە،

كەچتە كىلەر بىر قۇچاق كىر دۆۋىلەپ.

……………

بىز ئەرلەرمۇ ئ‍ېشىۋالدۇق باشقچە، 

كۈيۈنمىدۇق تاكى ئ‍اتمىش ياشقىچە. 

بەزى چاغدا تىللاپ ئۇرۇپ كىتىمىز، 

قەرزداردەك ئ‍اشۇ ئايال ئ‍ۆلگىچە. 

…………

دىېھقانلارغا تىگىپ قالغان شۇ ئايال،

ئېتىزلاردا شۇ ئ‍ەر بىلەن ئ‍شلەيدۇ. 

ئ‍شتىن چۈشۈپ كەلسە بىللە ئ‍ېتىزدىن، 

قازان قۇمۇش شۇ ئ‍ايالنى كەل دەيدۇ .

…………

خىزمەتچىگە تىگىپ قالغان ئ‍ايالنىڭ، 

دىھقاندىنمۇ نەچچە ھەسسە جاپاسى.

تەڭ ئ‍شلسە ئ‍ىرى بىلەن خىزمەتنى، 

ئ‍شتىن چۈشسە تالاي ئشنىڭ ئ‍ېگىسى. 

…………

شۇڭا دەيمەن ئ‍ەي مىھنەتكەش ئاياللار،!

كۈندە بولسۇن سىنىڭ خۇشال بايرىمىڭ.! 

خوشاللغىڭ يىلدا بىر كۈن بولمىسۇن،!

ئايال ئۈچۈن كۈندە سىنىڭ بايرىمىڭ.! 


3-8كۈندىكى شۇ جاپاكەش ئاياللار بايرىمغا بېغىشلايمەن 

كىلىش ئالدىدا تۇرغان ئاياللار بايرىمىڭىزگە مۇبارەك بۇلسۇن

     





142 قېتىم كۆرۈلدى ئوسمانجان دولان ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-8 6:04:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ