سۆيگۈ شەشنالىقى - رىزۋانگۈل ئابدۇكېرىم (مودەن)

  سۆيگۈ تەشنالىقى

رىزۋانگۈل  ئابدۇكېرىم (مودەن)

پەرىشاندۇر ھالىم مىنىڭ ،قەلبىم چىكەر ئ‍ىزتىراپ،
مۇھەببەتنىڭ قەسىرىدە ،سۆيگۈم تۇرار يالتىراپ.
نىچۇن بۇنداق يۈرەك لەختە، ئ‍ازاپ ئ‍الدى قوينىغا،
يەنە كۈنلەر ئ‍ۈتەرمۇ؟، تەشنالىقتا قاغجىراپ.

داۋام قىلار قاچانغىچە بۇ سىقىلىش بىلمىدىم،
چۈشەنمىسەڭ قەلبىمنى ،يۈرەك ئ‍اغرار سىرقىراپ.
نە سەۋەپ مەن بوپ قالدىم بۇنداق دەرتكە مۇپتىلا،
ياشار بولسام مۇشۇنداق،سۆيگۈم قالار ھالسىراپ.

سەن يەتمىسەڭ ھالىمغا، قەلبىم مىنىڭ سەكپارە،
سۆيگۈ گۈلشەنى ئ‍ارا ،مەن يۈرەر مەن ياتسىراپ.
سەنسىز كۈلمەس گۈل يۈزۈم،بۇنى بىلگىن ئ‍ەزىزىم،
سۆيگۈ شارابى بەرمىسەڭ،،ھايات تۈگەر قانسىراپ. 


2016-يىل .مايتاغ
     





50 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل (مودەن) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-26 19:16:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ