سېنىڭ قەبرەڭ
نۇرشات مۇساجان
ئۆزۈڭگە كۆندۈردۈڭ ، ماڭا ھەم كۆندۈڭ ،
ئۆتكۈزدۈڭ مەن بىلەن گۈزەل ھەر دەمنى .
يۈرەكتە تۇغۇلدۇڭ ، يۈرەكتە ئۆلدۈڭ ،
ياسىدىم يۈركۈمگە سېنىڭ قەبرەڭنى .
ئۆلسەڭمۇ يۈركۈمدە مەڭگۈ تۇرسۇن دەپ ،
مەن بىلەن مەڭگۈگە بىللە بولسۇن دەپ .
قانلىرىم قەبرەڭنى ئەبەت سۆيسۇن دەپ ،
ياسىدىم يۈركۈمگە سېنىڭ قەبرەڭنى .
ئازابىڭ يىغلىتىپ قويسىمۇ تازا ،
كۆزلۈرۈم يەنىلا ئاچتى كۆپ ھازا .
ھەسرىتىڭ ئۆزۈڭگە بولدى جىنازا ،
ياسىدىم يۈركۈمگە سېنىڭ قەبرەڭنى .
خاتىرجەم يېتىۋەر قەبرەڭدە ئەي ، يار ،
ھەر كۈنى يوقلاشقا تىنىقىم تەييار .
يۈرۈكۈم ئۆلگۈچە ساداقىتىم بار ،
ياسىدىم يۈركۈمگە سېنىڭ قەبرەڭنى .
146 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرشات مۇساجان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-10 0:07:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-10 17:03:32 | مائىدە |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|