غىرېپ ئانا
قادىر ئابلەت
چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان ئانا ،
مۇڭلىنىپ ئولتۇرار ئىشىك ئالدىدا ·
بوينىنى سوزۇپ ئۇ قارايدۇ پات-پات ،
شەھەرگە تۇتاشقان ئاسفالىت يولغا ·
چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان ئانا ،
مۇڭلىنىپ ئولتۇرار ئىشىك ئالدىدا ·
بىر كۆرۈپ يالغۇزكەن دىمەڭلار ئۇنى،
قاراڭلار ئۇنىڭغا خىياللار ھەمرا .
بەلكىم ئۇ قىلغاندۇر ئوغلىنى خىيال ،
ۋە ياكى قىلغاندۇر نەۋرىسىنى ئۇ ·
يۈرىكى يىرىلىپ كىتىدۇ چوقۇم ،
ئاڭلىسا ئوغلىنىڭ شەپىسىنى ئۇ ·
2015-12-21
| 107 قېتىم كۆرۈلدى | قادىر ئابلەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-17 12:38:34 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|