خەيرى گۈلۈم

 خەيىر دىدىڭ گۈلۈم

ئاپتۇرى : خۇش چىراي مىھمان
2016-8-20


مەن ئازاپ دەشتىلىرى ئىچىدە ئېلىشىۋاتىمەن ،يەنىلا ئۆز جېنىمنى قىيناۋاتقاندەك بىلىنىپ تۇرسىمۇ ، خىياللار پاك قەلبىمنى ئالىلا قاچان قاماللاپ ئالغان ئىدى،بىرى ئۈچۈن ئىنسان قەدىرنىڭ  قانچىلىكلىگىنى سورساق، بۇ ئاخماقلىق ھېساپلىنامدۇ؟
ياق - ياق ئۇنىڭدىن ئەمدى سادا چىقمايدۇ،
ھېلەمىكىرىگە تۇشۇپ كەتكەن قەلىپلىرى تۇرسا، باشقىلارنى قانداق قىلىپ قولغا كەلتۇرۇشنىڭ كۇيىدا يۈرۈپ،كۆزى چۈشكەنىڭ يۈرەكلىرىگە ئىككىلەنمەستىن چاڭگال سالالايدىغان ،ئۆزئارزۇسى ئۈچۈن   مەقسەتلىك ئىش پىلانلايدىغان ، بىرسى ئۈچۈن ،ئاھ ئۇرۇپ ھەسىرەت چىكىشنىڭ ئەسلىدىلا  ھاجىتى يوق، بىراق  ئالىلا قاچان باشقىلارنىڭ ئوۋغا ئايلاندىم ، ئۇلار ئوۋچى ، ئۇلار دەل ئاق كۈڭۈل ، باشقىلار ئۈچۈن ياخشىلىقنى ئەلا بىلىپ،
قىلغان سەممىيەتىلىرمدىن بەكلا پايدىلىنىپ كەتتى ، باشقىلارنىڭ ئولجىسى بۇلۇپ قالغىنىنى بىلگىنىمدە ،تولىمۇ ئەپسۇس، ئالىلا قاچان كىچىككەن بۇلىدۇم ، ئاھ - ۋاھ ،مانا نادانلىق نىڭ پايدىسى،ئازاپ نىڭ تەمىنى تېتىپ قويغاندا ئاندىن ھاياتنى چۈشۈنۈپ قالارمەن، مەن ئىشەنگەن ئادەمنى ئەمدى ئۈزۈم چۈشۈنەلمەيلا قالدم ، چۈنكى ئۇنىڭ ئادىمىيىلىكدىن ئەسەرمۇ مۇيوقتەك بىلىنەتتى، ئازاپ دەشتىلىرى بارغانسىر يېقىنلاپ نەق يۈرەك تىنلا ئالدى ،
[玫瑰][玫瑰][玫瑰][玫瑰][玫瑰][玫瑰][玫瑰][玫瑰][玫瑰]
ئالداپ مىنى يەتتىڭ مەخسەتكە ،
قويدۇڭ جانان ئېغىر مۇسىبەتكە،
ئازاپلارغا مۇپتىللا قىلىپ،
كەتىتڭ يىراق كەلمەس ئەبەتكە،

سېغىنارمەن شۇ ھىدلىرىڭنى،
ئىزدەپ يەنە سۈرەتلىرىڭنى،
تولغۇنارمەن ھەريان قىينىلىپ،
قۇم باستىمۇ باسقان ئىزىڭنى ،

خوش دىگەندە چىدىدىڭ قانداق،
باغرىڭ سىنىڭ تاشمىدى شۇنداق.
قاچۇردۇڭغۇ ئۆزۈڭنى مەندىن،
ئويلىمىغان قىلار دەپ مۇنداق.

تارتىشساممۇ نە ئامال ماڭا،
خوش دىيىشكە مەجبۇرمەن ساڭا.
نەدە بولساڭ خەر ئامان بولغىن،
بەخىت تىلەپ قالاي مەن ساڭا.


بىلەمسەن گۈلۈم ، سىنى شۇنچىلىك ياخشى كۈرەتتىم ، سۈيەتتىم ، كۈيەتتىم ، ھەتتا كۆز قارچۇغۇمدەك كۈرەتتىم، دائىم سەن بىلەن بىرگە بۇلۇشنى ، سەن بىلەن بۇرۇنقىدەك سىردىشىپ مۇڭدۇشۇپ كۈلكەڭگە جۆر بۇلۇپ كۈلۈشنى،قايغۇ ھەسرىتىڭگە تەڭ شىرىك بۇلۇشنى ، سىنى ئاسراشنى، قوغداشنى ، سىنى بىر ئۆمۈر بەخىتلىك قىلىشنى چىن كۆڭلۈمدىن خالىساممۇ ئارزۇ قىلساممۇ ئەمما ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولمىغىنىدەك ، سەن بۇنى خالىمىدىڭ،ساڭا كۈيۈنۈشۈمنى ئارتۇقچە كۆردۈڭ ، سىنى قوغداپ بىر ئۆمۈر باغرىمغا بېسىشىمنى، سىنى مەڭگۈ بەخىتتىن قاقاھلاپ كۈلدۈرۈشۈمنى خالىماستىن، باشقىلار بىلەن كۈلۈپ يايراش ئۈچۈن مەندىن ۋاز كەچتىڭ ، بىلەمسەم ئاشىقىم ، ساڭا خوش دىيىشنى ، سەندىن ۋاز كىچىشنى خالىمىساممۇ سەن ، تەرەپكە تىپىچەكلەۋاتقان يالقۇنلۇق يۈرۈگۈمنى بېسىپ ، كۈزۈم قىيىمىغان ھالدا خەيرى دىيىشكە مەجبۇرمەن، چۈنكى ئۆزى سۆيگەن ئادەمنىڭ بەخىتىنى كۈرۈشمۇ بەخىت، شۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا بەخىت تىلەپ سەن بىلەن ئۈنسىز ۋىدالاشماقچىمەن، لىكىن گۈلۈم ماڭا بىر ئىشتا ۋەدە بىرىشىڭ كېرەك:ــــ
نىمە ئىشقا دەمسەن؟؟؟
چۈنكى سەن تاللىغان ئادەمنى مەندىن مۇھىم بىلگەنلىگىڭ ئۈچۈن مەندىن ۋازكەچتىڭ، سىنىڭ بەختىڭنى ئۆز بەختىم بىلگىنىم ئۈچۈن، مەن سەندىن ۋاز كەچتىم ، شۇڭا سەن چۇقۇم بەخىتلىك بۇلىشىڭ كېرەك ، بولمىسا ساڭا تەشنا بۇ يۈرۈكۈم ھەرگىز رازى بولمايدۇ ھەرگىز !!!! چۈشەندىڭمۇ جېنىم ، شۇڭا سەن چۇقۇم بەخىتىتىن مەست خۇش بۇلۇپ ياشىشىڭ كېرەك، بولدى گۈلۈم مەن، مەن يۈرەك ئۈنچىللرىمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي ، بولمىسا ئۈزەمنىڭ بەرداشلىق بىرەلمەسلىگىمدىن ئەنسىرەيمەن ، خەيىر گۈلۈم خەيىر ئامان بول .......

خوش دىدىم گۈلۈمگە چىدىماي تۇرۇپ،
ئاھ دىدىم ئۆزۈمنى نەم يەرگە ئۇرۇپ.
نە ھالدا بولدۇممەن بىلگەنلەر بارمۇ،
خوش دىمەك تەس ئىكەن چىن سۆيگەن تۇرۇپ.
     





147 قېتىم كۆرۈلدى خۇش چىراي مىھمان ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-2 9:56:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-13 11:12:16 huxal
hux qeray mehman neg .hux dedeg gulum qeray mehmanneg hux dedeg gulum degan nasereneg mazmuni qogkur boptu sozla azrak takrarlenep kaptu leken bak yahxekan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ