ئۆرگىلەي
نۇرشات مۇساجان
نەپ نىشاندىن باشلانغان سالاملاردىن ئۆرگىلەي ،
يانچۇقۇمغا باغلانغان جانانلاردىن ئۆرگىلەي .
قۇرۇق ئابرۇي ، سۆلەتنى قوغلىشاركەن ئاجايىپ ،
نام -شۆھرەتكە ئاتلانغان نادانلاردىن ئۆرگىلەي .
ۋاقتى كەلسە ياردەمگە كىملەر چىقار يۈگۈرۈپ ،
رەسمىيەتكە ئاتالغان ئاتاقلاردىن ئۆرگىلەي .
مىڭ ياخشىلىق قىلساڭمۇ رازى بولماس بىر قېتىم ،
ئەيىپىمگە سانالغان ساناقلاردىن ئۆرگىلەي .
ماختاشلارنىڭ كەينىدە ياتار شۇنچە كۆپ ھېيلە ،
ئاغزى ياغدا ياغلانغان ئادەملەردىن ئۆرگىلەي .
جار سالىدۇ ئىئانە قىلسا تۆت تال مۈلكىنى ،
قەلبى چوغدا يارلانغان ھاتەملەردىن ئۆرگىلەي .
بېزەپسىلەر دۇردۇندىن بويۇڭلارنى ھەشەمەت ،
ئالتۇنلاردىن ئورالغان قاراڭلاردىن ئۆرگىلەي ،
مىڭ دېسىمۇ چۈشەنمەس ئېلىم ، ھېكمەت دېگەننى ،
ئەقلى پۇلدا يوقالغان ساراڭلاردىن ئۆرگىلەي .
مەن ئەمەسمەن ھىچقاچان نادان ئاشىق مىسالى ،
كۆيۈك ئوتتا قاردىغان يۈرەكلەردىن ئۆرگىلەي .
كىم دېدىكىن بىلمەيمەن مېنى سۆيگۈ سەۋداسى ،
ئەتراپىمدا يامرىغان ئۆسەكلەردىن ئۆرگىلەي .
نۇر ئوغلىمەن مەن لېكىن ، نۇردەك ئاددىي خۇلقى بار ،
ئۆزىنى چوڭ چاغلىغان تۈلكىلەردىن ئۆرگىلەي .
كۈلۈپ قويار ئۆزىچە بىر يەرلەردىن چاندۇرۇپ ،
سەمىمىيەت قالمىغان كۈلكىلەردىن ئۆرگىلەي .
105 قېتىم كۆرۈلدى | nurogli | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-12 9:57:56 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-15 23:18:54 | فاتىمە |
ھازىرقى جەميەتنى ناھايىتى ئىنىق ئىپادىلەپ بەرگەن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|