قاتار چايغا تارتماڭلار
خەلچەم خېلىل
قاتار قاتار ئۈتۈپ تۇرار ماشىنلار،
جىددىچىلىك ئارامىمنى بۇزماقتا،
چاڭقىماقتا ئۈيۈمدىكى بالىلار،
قازان بېشى ماڭا قاراپ تۇرماقتا.
چىقماقچىمەن چۈشتىن كىيىن سەھنىگە،
ئاشتىن كىيىن چاچلىرىمنى تارايمەن،
چىقىپ قالسام گىرىم قىلماي سەھنىگە،
ئېيتىڭلارچۇ ئەلگە قانداق يارايمەن.
چىن يۈرەكتىن ئېيتىلمىغان ناخشىلار،
ئالقىشلار يوق ، خەقلەرگىمۇ ياقمايدۇ،
چارچىغاندا ياخشىمۇ يە يامانمۇ،
خىزمەت دىگەن كەيپىياتقا باقمايدۇ.
ئىشتىن چۈشۈپ يەسلى تامان بارىمەن،
گۈل پەرىشتەم تېخى ماڭا قاراقلىق،
بولغان بىلەن مىغىر مىغىر تاكسىلار
توسقۇنۇمدا توختايدىغان ساناقلىق.
كەچ كۈزگىمۇ بېرىپ قالدى ھاياتىم،
چارچاشلاردىن ئۆز ئۈزەمگە پاتىمەن،
ئۆيگە بارسام قالماس پۇتتا دەرمانىم،
ئامالسىزمەن بىردەمگىنە ياتىمەن.
جان دوسلۇرۇم مىنى چايغا تارتماڭلا،
چايغا بارسام ئۆيدە ئىشلار ئاخسايدۇ،
ئايالدۇرمەن ئايايدىغان كىشىم يوق،
سىرتقا چىقسام ھۇرۇن ئىرىم قاخشايدۇ.
يۈرەلمەيمەن سىلەر بىلەن رەستىدە،
بىراق مېھرىم مېھرىڭلارغا باغلاقلىق،
دوستلۇق ئۈچۈن پىدادۇر بۇ جانلىرىم،
يۈرەگىمدە ئەقىدەم بار ساقلاقلىق.
بۇ دۇنيانىڭ گۈزەللىگى مېھىردە،
مېھىر بىرىپ مېھىرلىنىپ ياشايلى،
چاي ئوينىماي ئۈيەمگىلا كىلىڭلار،
مۇشائىرە ،قىزغىن ساما سالايلى.
قولغا ئالاي سىلەر ئۈچۈن دۇتتارنى،
"سېغىندىڭمۇ"سىلەر ئۈچۈن ياڭرىسۇن،
چىن يۈرەكتىن دۇايىمدا تىلەيمەن،
دوسلۇغىمىز تائەبەتكە ياشنىسۇن.
2016.9.28 ئاقسۇ
118 قېتىم كۆرۈلدى | خەلچەم خېلىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-10 1:15:03 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|