خەيرى خوش ئازاپلىق ئ‍ۆتمۈشلەر تامام

خەيرى خوش ئازاپلىق ئ‍ۆتمۈشلەر تامام

 

www.yazghuqilar.com

(گۈلجامال يولۋاس )

 

 ئ‍ازاپلار دەپتىرى يىپىلىپ ئ‍اخىر،

 خۇشاللىق نۇرلىرى چاقنار يۈزۈمدىن .

 بەختىمنى تاپقان كۈن ئۇنتۇلماس مەڭگۈ ،

خەيرى خوش ئازاپلىق ئۆتمۈشلەر تامام .

 

 قوش يۈرەك ۋىسالغا يەتكەن بۇ كۈننى ،

ئەسلەيمەن مەڭگۈگە ئ‍ەسلەي تائابەت.

 كەلمىسۇن بىشىمغا ئازاپلىق ئ‍ۆتمۈش ،

 چۈنكى خوش دىگەنمەن ئۆتمۈشلەر تامام .

 

 خەيرى خوش ئازاپلىق ئۆتمۈشلەر تامام ،

 غادىيىپ ماڭدىم مەن ئالدىمغا قاراپ .

 خۇشاللىق نۇرلىرى چاقنار يۈزۈمدىن ،

ئ‍ازاپلار دەپتىرى يىپىلسا قاراپ .

 

قەشقەر نەزەرباغ بازىرىدىن گۈلجامال يولۋاس

2015.9.3





561 قېتىم كۆرۈلدى guljamal198 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-4 1:49:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-18 19:16:37 guljamal
rahmat dosla
2015-9-5 12:58:04 tanha
yahxe yezeleptu man yahturdom
2015-9-4 23:26:40 habiba
Bak. Yahturdum .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ