ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ
ئەلىجان مۇھەممەت
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ،
كۆرپە سىلىپ باقىمەن.
خەققە تەگسەڭ ناۋادا،
پۇت قولۇڭنى چاقىمەن.
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ،
چېكەڭگە گۈل قىسىمەن.
تۇر دىگەندە تۇرمىساڭ،
كۆزەڭگە قول تىقىمەن.
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ،
قىشتا بىكا ياتىسەن.
ياز بولغاندا جاپا كۆپ،
سوقا سۆرەم تاتىسەن.
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ،
توققۇزۇڭمۇ تەل بولار،
مىليۇنىرمۇ بوپ قالدىم،
قىيىن ئىشىڭ ھەل بولار،
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ،
شۇ چاغ ئەقلىڭ تاپىسەن،
مەن ھەيدىسەم ماشىنا،
سەن پىيادە چاپىسەن.
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ،
تويلۇق سارجا ئالىمەن.
چايغا كەلگەن مىھمانغا،
چامغۇر ئۇماچ چالىمەن.
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ،
ناۋاتتا چاي دەملەيمەن،
يىرتىلغاندا ئايىقىڭ،
101دا يەملەيمەن.
ئەرگە تەڭسەڭ ماڭا تەگ،
يوق نەرسەڭنى سەپلەيمەن.
مىھمان قىلىپ خوگۇدا،
سىنى ئۆزۈم ئەپلەيمەن.
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ،
تاۋار دۇردۇن ئەپ بىرەي،
بىر كوي تاپسام بۈگۈنمۇ،
يانچۇقۇڭغا سەپ بىرەي.
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ،
تاج كەيدۈرەي بىشىڭغا،
كەم قالغاندا گىرىمىڭ،
كۆمۈر تەييار قىشىڭغا.
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ،
ئازدۇرمىسۇن باشقىسى.
ئاچچىقىمنى كەلتۈرمە،
ئۆزۈڭنى بىل ياخشىسى.
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ،
قىيناتامغا سادىقمەن،
قىيناناممۇ ئاڭلىسۇن،
سەندەك قىزغا ئاشىمەن.
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ،
غەملىرىڭمۇ كىتىدۇ.
ئۈنسىز يىغا شۇندىلا،
ئارمانلىرىغا يىتىدۇ.
ئۈنسىز يىغا 1443811419
18 قېتىم كۆرۈلدى | unsizyega | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-27 4:24:11 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|