كىشى پەرقى
سۇلتان
تىرىشچان كىشىلەر تىرىشسام دەيدۇ ،
ئەكسىنى كىشىلەر تىرىشماس دەيدۇ .
بىلمىگەن كىشىلەر يەردىن مارايدۇ ،
بىلگەنگە داۋاملىق ئالقىش ياڭرايدۇ .

بىلىملىك بىلىمسىز پەرقلىق بولۇر ،
دەپ قەيىت قىلىنغان ئۇلۇغلار سۆزى .
ئېنىقكى بىلمەسلىك ئەمەستۇر ئەيىپ ،
ۋە لېكىن ئۇلارنىڭ كوردۇر جۈپ كۆزى .

ھاياتنىڭ مەناسى غوۋا ئۇلارغا ،
كى تولغاچ ئەتراپى پۇل مال دۇنياغا .
كېرىلمەڭ سىزدە بار <ئاجايىبلاردىن >،
ئىززەتسىز ئاتالغان نى باي دۇنيادا .

تەۋسىيەم شۇدۇركى ئاڭلاڭ ھېي دوسلار ،
غېرىپنىڭ كەپىسى بولغان تاغلاردا .
ۋە لېكىن شۆھرىتى بولغاچ ئەل ئارا ،
ئاقىۋەت كېيىلگەن شان شاۋكەت تاجلار .
| 217 قېتىم كۆرۈلدى | سۇلتان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-5-27 13:36:25 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|