روھ ۋە تەننىڭ نىداسى (نەسىر) - دىلنۇر ئابدۇرسۇل

روھ  ۋە تەننىڭ نىداسى

 (نەسىر) 

 دىلنۇر ئابدۇرسۇل


   تاراق!
 ئىشىك يېپىلدى. كوچىلاردىكى غۇۋا كۆلەڭگىلەر، چۈشىنىكسىز قىيا-چىيالار،ناتونۇش ئاياغ تىۋىشلىرى بىردىنلا يوقاپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى. مېڭەم ئۆي ئىچىدىكى تىنچلىققا بەرداشلىق بىرەلمەي، يۇمۇلماي كۆنۈپ قالغان كۆزلىرىم دېرىزە يوچۇنلىرىدىن تولۇن ئاينى مارىلاشقا باشلىدى. بۈگۈنكى ئاينىڭ يۈزىدىكى داغ يوقاپ شۇنچىلىك سۈزۈلۈپ كەتكەنكى، نەچچە قات تۇمان ئۈستىدە تۇرۇپمۇ ماڭا قول ئۇزىتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. كۈنلەپ تاقاپ توپا بېسىپ قېلىنلاپ كەتكەن كۆز ئەينىكىمنى ئېلىۋېتىپ سىنچىلاپ قارىدىم. ئۇ مەن ئەمەسمۇ؟ ئەجەبا مەن ئاسماندىكى ئايمۇ؟ ياكى ئاسماندىكى ئاي مەنمۇ؟ لىكىن پەرقىمىز بىلىنىپلا تۇراتتى، ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتاتتى، مەن بولسام ئۇنىڭغا قاراپ ھەسرەتلىنىۋاتاتتىم. ئىختىيارسىزلا ئۇنىڭغا قول ئۇزارتتىم، ئۇ ئۆز تەبەسسۇمىنى يۈدىگەنچە ماڭىمۇ قولىنى ئۇزارتتى-دە، چاقماق سۈرئەت بىلەن قولۇمنى ھاۋادا قويۇپ قەيەرلەرگىدۇر ئۇزاپ كەتتى. مۇڭلانغان كۆزلىرىمدە ياش لىغىرلاپ قاراڭغۇ ئۆيگە يەنە بىر قېتىم بەنت بولدۇم. بۇ نۆۋەت بۇ جايدىن قىلچىلىكمۇ ئايرىلغۇم كەلمىدى. كۆزلىرىم ئۇزاقراق يۇمۇلۇشنى، قۇلاقلىرىم كۆپرەك تىنچلىقنى ئىزدەيتتى، مېڭەم يالغۇزلۇقنى ئۆزىگە بىردىنبىر ھەمراھ قىلغانىدى. بارا-بارا ئۇزۇن تۈن قوينىغا شۇڭغۇپ باراتتىم...
  تاراق!
 _كىم سەن؟
_مەن بولسام سەن.
 جىمجىت كېچە قوينىدا ئۆي ئىچىدە يالت-يۇلت قىلغان بىر يورۇق نۇرنىڭ پىلاڭلىشى بىلەن ئالدىمدا بىر قارا كۆلەڭگە پەيدا بولۇپ، مەن بىلەن پاراڭلاشماقتا ئىدى.
_مەن سېنىڭ روھىڭ، قورقما.
 ئۇ مېنىڭ چىرايىمنى كۆرەلمەيتتى، مەنمۇ ئۇنىڭ قەيەردە گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيتتىم.
_سەن قولۇڭنى ئايغا ئۇزارتقان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپلا بىز ئىككىمىز بىر تەن بىر روھ بولۇپ كەتتۇق.مەن روھىڭنى ئۈستۈمگە ئارتىپ يىراقتىكى تولۇن ئاينىڭ مەھشەرگاھىنى ساياھەت قىلىپ كەلدىم. ئەمما سېنىڭ تېنىڭ بۇ قەپەس ئىچىدە قامىلىپ قەدەملىرىڭ ئاستىلاپ، نەپەسلىرىڭ قىيىنلاشتى. چوڭراق نەپەس ئېلىشقىمۇ پىتىنالماي، ئۆز تىنىقىڭدىن ئۆزۈڭ ھۈركۈپ، يۈرەك سوقۇشۇڭ قالايمىقانلاشقانلىقتىن مېڭەڭ زەئىپلىشىشكە باشلىدى. مېنى سېغىندىڭ، ئەمما ئىزلەشكە مادارىڭ يوق،روھىڭ بىلەن تېنىڭ ناتونۇشلارغا ئايلاندى، مانا مەن كۆز ئالدىڭدا تۇرۇپتىمەن، تونىمايۋاتىسەن.
_مەن چارچىدىم، پۇت-قولۇم كىشەنلىنىپ، تىلىم سۆزگە،دىلىم ئويغا بارمىدى.  ئىشىك سىرتىدىكى دۇنيانىڭ رەڭدارلىقىدىن قاتتىق مەست بولدۇم، ھەر قېتىم مەستلىكىم يىشىلەي دېگەندە ساڭا قولۇمنى ئۇزارتىمەن-يۇ، سېنىڭ يېراق سامادىكى سىمايىڭ غىل-پال كۆرۈنە-كۆرۈنمەيلا خۇمارىم تۇتۇپ يەنىلا شۇ رەڭدار دۇنياغا قايتىمەن. سەرخىل نىمەتلەر قوينىدا جىسمىم راھىتىنى سۈرۈش مېنى سەندەك بىرىنىڭ بارلىقىنى ئەبەدىي ئۇنۇتقۇزدى. ساڭا بولغان ئەسلىمەم بارا-بارا خۈنۈكلەشتى.
_مەن كەڭ سامالارنى كېزىپ يۈرۈپ سېنىڭ كونا جايدا ماڭا قاراپ ھەسرەتلىنىۋاتقىنىڭنى كۆرۈپ قالدىم.
_توغرا، جىسمىمنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن قىلچىلىك ئۈمىد قالمىغان بۇ كۈنلەردە مەن يەنىلا بىرسىنى سېغىندىم، تەشنا بولغىنىمنىڭ ئەسلى سەن ئىكەنلىكىڭنى بىلمەي يۈرۈپتىمەن. مەن ئاخىر سېنى تاپتىم، ئەمما شۇنچە ئۇزۇن ئايرىلغان بىزلەر يەنە  قايتا بىر  يەرگە  كېلەلەرمىزمۇ؟!
     





92 قېتىم كۆرۈلدى دىلنۇر ئابدۇرسۇل ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-13 2:15:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ