غىرىپ ــ سەنەم (مائىدە ھەسەنجان )
غىرىپ ــ سەنەم

 مائىدە ھەسەنجان

<غىرىپ ــ سەنەم>تىللاردا داستان ئەيلەنسە ،
<شۇمۇ ئىشمۇ شاھ گاداينى سۆيۈپ>دەپتىمەن،
 بىلمەي تۇرۇپ كۆڭۈلنىڭ ساراڭ مەيلىنى ،
 ئۆزەمچە تەنبىھ بىرىپ كۆپ سۆزلەپتىمەن .

 ۋۇجۇدۇمنى چىرماپ ئالدى سىرلىق مۇھەببەت ،
 نىمە بولدۇم بىھۇش ئەتتى ئىشىق ھالاۋەت .
 ئۆز ــ ئۆزۈمگە ھەيرانمەن بولدۇم سەنەمجان،
 ئۇشبۇ غىرىپىم دەردىدە كۆپ ئويلاردىمەن .

 يار ۋەسلىن يەتكىنىم يوق كۆپ ئارماندىمەن ،
 مەنزىل ئۇزۇن ھەر قەدەمدە تىڭىرقاشتىمەن .
 سەنەمجان ئوت ــ پىراقى باشۇ ئۈستۈمىدە،
 غىرىپنى ھەم قىينار بىر ئوت خىجالەتتە مەن.

 ئەمما لىكىن بۇ سۆيگۈمنى پىنھان تۇتىمەن ،
 شۇنداق قىلمىقىم زۆرۈز دەپ چىن پۈكىمەن.
 چۈنكى بۇ ھىسلار بىشىمغا ئەپ كەلسە بالا،
 ئۇندا <خىيانەت> داغىنى قانداق يۇيىمەن .

<غىرىپ ــ سەنەم> سۆيگۈسگە قايىل بولىمەن ،
 چىن سۆيگۈگە ئەخلاق، ۋاپا يار بولسا دەيمەن .
 شەرمى ھايا چۈمپەردسى قوينىدا كۈلۈپ ،
 كۆپلىگەن <غىرىپ ـ سەنەم > شات بولسا دەيمەن .




134 قېتىم كۆرۈلدى MaeiDa ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-29 22:45:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ