جاۋاپ
ـــ شەمشادبەگ
ھەرۋاقىت ھەرزامان خىيالىم سەندە،
بىل جانان مەن سىنى ئۇنۇتالمايمەن.
شۇ ئوتلۇق مىھرىڭگە قانماي بىر ئۆمۈر،
سەن تامان ئالغان يول، مەن يانالمايمەن.
ئىزدىمەي تاشلىدى دەپ رەنجىپ مەندىن،
بولمىسۇن ئەي جانان شۇ كۆڭلۈڭ خاپا.
سېغىنىش ئۇتىدا بۇلىمەن كاۋاپ،
دەيمەندە مەن ساڭا بولمىسۇن جاپا.
سۈرىتىڭ قۇلۇمدا قانماي باقىمەن،
بەزىدە يۈرەككە مەھكەم تاڭىمەن.
جاۋاپسىز بىرتاتلىق تۇرىدۇ قاراپ،
ئىشقىڭدا ئۈزەمنى ھەريان ئاتىمەن.
كۆڭلۈڭنى چۈشەندىم بىلدىم ھەممىنى،
خوش بولدۇم يۈرۈكۈم تىپىرلاپ كەتتى.
يىتىمەن ھالىڭغا قوللايمەن سىنى،
بۇ ھىجران ئاخىرى پەلەككە يەتتى.
پىكرىڭنى قوللايمەن سەن بول خاتىرجەم،
ھىجراننى يۈرەككە تېڭىپ كىتىمەن.
قەدىرلە ئۈزۈڭنى ئاسرا-ئاۋايلا،
كىيىنكى ئۆمرۈمدە سىنى كۈتىمەن.
2016-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى كېرىيە
79 قېتىم كۆرۈلدى | شەمشادبەگ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-17 15:50:58 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|