ئ‍ەلنى سۆيگەن ئەركەكتەك ئ‍ۆلەي

قۇلۇپلاندى غەزەپتە ئۈمۈد ،

مەندىن سۆيگۈ كۈتمە بۇ دەمدە .

ئ‍ىنتىلگەندە يۈرەكنى نەمدەپ،

نەچچە يىللار قىلدىڭ قەلەندەر .

 

يۈز تاپقاندا ئ‍ەللەيلەپ كىلىپ ،

يۆگەك بىلەن بەزلىمە مىنى .

شۇرا ئ‍ۆزۈڭ ئ‍ىمزىگە ئ‍ېلىپ ،

ساختا كۆزدە قەسلىمە مىنى .

 

ئ‍الداشلاردىن يۈرۈگۈم قاتتى ،

پاچاقلايمەن ئەمدى كېشەننى .

ۋاقىت كەتتى، ئ‍ۆمۈرۈم كەتتى،

دەۋەرمىگىن قويە ئ‍ىشەننى !!

 

ئ‍الاي مەنمۇ ئ‍ەركەكتەك قەدەم،

ئۇششاق سۆزدىن يىمەي زەررە غەم.

مىنمۇ ئ‍ەر دەپ باققان ئ‍ەر دادام،

ياشاي ئەردەك ئ‍ەر بۇلۇپ بەردەم.

 

ئ‍ەر سۈرىدە يەڭنى چىڭ تۈرەي،

ۋولقانغىمۇ مەردانە كىرەي .

ۋارىسلىرىم بولسۇن سۆيۈنسۇن،

ئەل سۆيگۈدەك ئ‍ەركەك بوپ ئ‍ۆلەي .


ئ‍ەمىن 2015/03/04





212 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-30 16:09:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-7-31 11:43:07 erpan
yahxe yezelep tu jumu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ