ئاشىق ئوتىدا……

         ئاشىق ئوتىدا……      
ئاپتۇرى :دىلنۇر مەمەت 



   دۇنيالىقىمدا بىردىن-بىر دەپ ھېسابلىغان ، ھېچكىمگە تەڭ قىلماي قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئورۇن ئالدۇرغان ،ئاشىقىم دەپ بىلىپ مەشۇقۇڭ بولالمىغان ئەي سۆيگىنىم . قانداق ئەھۋالىڭ ياخشىمۇسەن ؟ ئەھۋالىڭنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن ،ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايمەن .چۈنكى سۆيگۈ خاتىرەمدىن سېنى ئاللىقاچان سۆيگەن يۈرۈكۈمگە دەپنە قىلغانمەن .... قولۇمغا قەلەمنى ئالدىم ،ئەمما نۇرغۇن تېڭىرقاشلار ئېلكىدە …… ساڭا نېمە دېيىشىمنى سەن ئۈچۈن نېمە يېزىشىمنى بىلمەيمەن . ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى بۇ قەلەم سەن ئۈچۈنلا تەۋرىنىپ نۇرغۇن داستانلارنى يازالايدۇ .بەلكىم بۇ ساڭا يازغان ئەڭ ئاخرىقى خېتىمدۇر ، ساڭا نۇرغۇن خەتلەرنى يازغانمەن ،تاكى بۈگۈنگە قەدەر توختاتقىنىم يوق .ئەمما سەن ئەقىدە بابىدا يەككە مەھبۇبەڭنى چۈشىنىشتىن ئەبەدىي يىراقتا سەن !

 سېنى كۆرۈشنى ئەمدى مۇمكىن ئەمەس دەپ بىلەتتىم . شۇ ئايرىلىشتىن كېيىن سېنى ئىككىنجى كۆرمەيمەن دەپ ئۆزۈمگە قەسەممۇ ئىچكەن ئىدىم . ئەمما بۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىمۇ ياكى چاقچىقىمۇ بىلەلمەي قالدىم ، ئەگەر چاقچاق بولسا ھەقىقەتەن ئېغىر چاقچاق بۇلىدۇ . ئەنە شۇ كۈنى بىز ئۇچراشتۇق . بىراق سەن باشقا قىياپەتتە مەن باشقا قىياپەتتە ئىككىمىز تۇنۇشۇپ باقمىغان ، بىرەر قېتىممۇ پاراڭلىشىپ باقمىغان ھالەتتە سالاملاشتۇق . دەل شۇ ۋاقىتتا سەندە قانداق  ئىنكاسنىڭ بولغانلىقىنى بىلمەيمەن ،قانداق تۇيغۇلارغا كەلگەنلىكىڭنىمۇ ھەم . بىلسەڭ ئىدىڭ ، ئاتەش ئوتىدا كۆيىۋاتقان بۇ يۈرەكنىڭ سېنى كۆرگەندە قايتا كۆۋەجەۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم . بەلكىم سەن بۇ تۇيغۇمدىن بىخەۋەرسەن ، شۇنداق بولغانلىقىمۇ نورمال چۈنكى ئارىمىزدا شۇنچە كۆپ مېنۇتلار ،سائەتلەر ،كۈنلەر ،ھەپتىلەر، ئايلار ھەتتا يىللارمۇ ئۆتتى ئەمەسمۇ ؟! شۇنى بىلسەڭ ئىدىڭ ، مەن ئۇشبۇ ۋاقىتلاردىمۇ يەنىلا ساڭا خەت قالدۇرۇشنى ئۇنتۇمىدىم .سېنىڭ خەۋىرىڭنى بىرەرنىمۇ قالدۇرماي ئاڭلىدىم ، بەلكىم بۇنداق قىلىشىم بىر ئەخمەقلىقتۇر . ئەمما قانچىلىك جۈرئەت بىلەن ياشاۋاتقانلىقىمنى ئاددىي كۆزۈڭ ھەم ئۇخلاۋاتقان يۈرىكىڭ بىلەن كۆرۈشكە ئاجىزسەن

 شۇنداق قىلىپ تەقدىرنىڭ ئېغىر چاقچاقلىرى بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ قالدۇق . يەنە شۇ سالاپەتلىك ئولتۇرۇشلىرىڭ ،مەغرۇرانە قىياپىتىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم . ھەربىر ھەرىكىتىڭ ماڭا قالدۇرغان ھەربىر ئەسلىمىلىرىڭنى ئەسلەتتى ، چۈشەنسەڭ ئۇنتۇش قېيىن بولغان بۇ تۇيغۇلار يۈرەكنى سۇغۇرۇپ ئالغاندەكلا قىينايدۇ بىر . بۇ تۇيغۇنى پەقەت ۋە پەقەت ئاشىق ئوتىدا كۆيىۋاتقان  يۈرەكلا سىزەلەيدۇ بىلسەڭ !  سېنىڭ شۇ مەغرۇر سۆلىتىڭگە پايخانلىنىپ ئۆتكەن ھەربىر كۈنۈمگە قەرىزدارسەن .
  كاشكى ئېچىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن سۆيگۈ خاتىرىمىزگە شېرىن بولغان ئۈنچىلەر تىزغان بولساقچۇ ؟! مۇھەببەتنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يالدامىلىرىنى يارقىن نۇرانە بەتلىرىگە خاتىرلىگەن بولساقچۇ ؟! كاشكى سۆيگىمىزگە گۇۋاھ بولغان شۇ ئەسلىمىلەرنى يەنە قايناق ھېسسىياتتا لەزەتلىنىپ ھۇزۇرىنى بىر قېتىم بولسىمۇ سۈرسەكچۇ ؟! . كاشكى ئۆزىمىـزگە بىرەر رەت پۇرسەت بېرىپ بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنغان بولساقچۇ ؟! كاشكى ......  ئەمدى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتسەممۇ ئاشىق يولىدا تەۋرەنگەن گۇناھسىز بۇ يۈرەككە رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىشنى ئىستەيمەن . شۇ كۈندىكى سورۇنىمىز ھەقىقەتەن قىززىغان ئىدى . ئۇزۇن ۋاقىتتن كېيىنكى بۇ يىغىلىش ھەممەيلەننى بەكمۇ خۇش قىلغان ئىدى .سېنىڭ شۇ خۇشاللىقلىرىڭنى كۆرۈش مېنى ئالەمچە بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلدۈرەتتى . شۇ خۇشاللىقلىرىڭنىڭ  ،كۆزياشلىرىڭنىڭ سەۋەپكارى بۇلۇشنى تولىمۇ ئستەيتتىم . خۇشاللىقىڭغا جۆر بۇلۇش ،قايغۇلىرىڭغا ھەمراھ بۇلۇش مېنى بەخىت بوسۇغىسىغا باشلاپ كېرەتتى .بىلسەڭ ئىدىڭ سېنىڭ ھەر بىر نەرسەڭ ماڭا 《بەخت》تىن ئىبارەت بۇ لەززەت تۇيغۇسىنى ۋۇجۇدۇمغا بەخش ئەتتۈرەتتى .
  ئاۋازىڭنى سۆيىمەن - چۈنكى سېنىڭ ئاۋازىڭدا ھوزۇر بار ۋە ماڭا ھاياتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ياشاشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ . ھەر قېتىم سەن بىلەن پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئىنسانلارنى يەنە باشقىچە سۆيىمەن ، كۈنۈم تېخىمۇ مەنىلەرگە تولىدۇ . ماڭا ئىشەنكى ، سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلىغان ھەر بىر كۈنۈمدە ھېچقانداق ئىش خاتىرجەملىكىمنى بۇزالمايدۇ . مېنىڭ ئەڭ ئامراق مۇزىكام دەل سېنىڭ ئاۋازىڭ ..
  كىرپىكلىرىڭنى سۆيىمەن -ھەر دەقىقە جەڭگە تەييار تۇرغاندەك ۋە يەنە شۇ قەدەر مېھىرلىك . سەن قانداق قارىساڭ ئۇ كىرپىكلەر ئوخشاش تۇيغۇدا ئۇزىرايدۇ . غەزەپلەنگىنىڭدە ئۆلتۈرۈشكە تەييار تۇرغان ئوققا ئوخشىسا ، خۇش بولغىنىڭدا دۇئا ئۈچۈن ساماغا ئۇزىتىلغان بىر جۈپ قولغا ئوخشايدۇ .
  قوللىرىڭنى سۆيىمەن - ئالقانلىرىڭنى ئالقانلىرىم بىلەن بىرلەشتۈرگىنىڭدە بارماقلىرىڭ  بارماقلىرىمنىڭ ئارىسىنى تولدۇرغىنىدا دېڭىزنىڭ ۋىسالىغا يەتكەن دەريا مىسالى - شۇنچىلىك گۈزەلكى ، ئېيتىپ بېرەلمەيمەن . ئىشەن ، مەندىن يىراقلىقىڭمۇ باشقىچە گۈزەل ،چۈنكى يىراقلىقىڭ ۋىسالىڭ بەرگەن بەختكە ئەرزىيدۇ .
   قەلبىڭنى سۆيىمەن -ھەر دەم  مۇھەببەتنىڭ ئوتلۇق يالقۇنلىرىنى قەلبىڭدىن ھېس قىلغىنىمدا ئۆزۈمنى شۇ قەدەر بەخىتلىك شۇقەدەر جەزبىدار ھېس قىلىمەن . مېنىڭ ھەر بىر نىدالىرىم سېنىڭ شۇ قەلىب سادالىرىڭدىن چىققان ھۇھەببەت مىلودىيەسىدۇر .
 سېنى ياراتقان ئىگىمىزگە چەكسىز شۈكۈرلەر ، يوقلۇقۇڭنى ھېس قىلدۇرمىغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن . چۈنكى سۆيۈشنىڭ قانچىلىك گۈزەل ۋە مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى سەن بىلەن چۈشىنىپ يەتتىم .
 ھايات شۇنداق بولىدىكەن يا ئارزۇغا يېتەلمەي ، يا شۇ ئارزۇدىن كېچەلمەي ، يا كۆڭۈلدىكىنى بىلمەي يا بىلدۈرۈپ بۇلالماي . بەلكىم ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتى شۇنداقتۇر . سورۇنىمىزنىڭ كەيپىياتى خېلىلا يۇقىرى ئىدى . بۇلبۇلدەك ساز ئاۋازلار ،بېقىشىپ ئوينىغان شوخ ئۇسۇللار ھەممەيلەننىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۋەتكەندەك ئىدى . سېنىڭ شۇ بۈركۈتتەك قەددى -قامىتىڭ بىلەن كۆتۈرگەن شۇ بىر جۈپ قوللۇرۇڭ مېنىڭ ئەسلى ھوشۇمنى بىھۇش قىلىپ قويىدۇ. سەندىكى شۇ سالاپەت ، قەددىڭدىكى لاتاپەتلىرىڭ مېنى ئەسىرگە ئالىدۇ . ئىشەنسەڭ سېنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىڭ ،ھەر بىر سۆزلىرىڭ ، ھەربىر قىلىقلىرىڭ جىسمىمدا تۇغسىز تاشقىنلىق ،روھىمغا سۆزسىز ئاشىقلىق غەليانىنى قوزغايدۇ .
  بەلكىم ناخشىلاردا ئېيتىلغاندەك ،بەلكىم شېئىرلاردىكى ھېسلاردەك بەلكىم كىنو- فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەردەك بۈيۈكتۇر بۇ -ئاشىق .
  ئاشىقلارنىڭ بىر دەردى بار - گىياھلار ،قۇشلار ، ھەتتا يەر زىمىنلارمۇ ئاشىقلارنىڭ پەريادىغا قۇلاق سالىدىغان . ئۇلارنىڭ قەلبىنى قەلەم چۈشىنىدىغاندەك تىنماي يازىدىغان .
   ئاشىقلارنىڭ بىر دەردى بار- نە كېچە ،نە  كۈندۈزلەر خىيالىدىن مەشۇقىنى سۈرگۈن قىلالمايدىغان ، گەرچە سۆيگىنىگە بەخت تىلەشكە تىلى بارمىسىمۇ 《بەخىتلىك بول!》دەپ قويىدىغان ،ئەمما قەلبىدىكى بىر تالاي مۇھەببەت چۇقانلىرىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ كېتىدىغان .
   شۇنداق ئاشىقلارنى بىر دەردى بار - ئاشىقلار زىمىنغا قانداق ئاپىرىدە بولغىنىنى قاچاندىن ئاشىقلىق ئوتىغا مەھكۇم بولغىنىنى ئۆزىمۇ سەزمەيلا قالىدىغان ،ئاشىقنىڭ كۆز يېشى تاڭدىكى قىزىل گۈل بەرگى  ئىشقىدا سايرايدىغان بۇلبۇلنىڭ كۆز يېشى ،ئاشىقنىڭ يۈرىكى لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئوت كەبى يۈرەك ، ئاشىقنىڭ ھېكايىسنى ئاڭلىساڭ ئىزگۈلۈككە باشلايدىغان بىر ھېكايە بىلسەڭ ……
  بۇ ھېكايە دەل سەن بىلەن باشلانغان ھېكايە ،گۈزەل ئەسلىمىلەرگە تولغان ،ھاياتنىڭ ھېكمەت قانۇنىيەتلىرىنى يەكۈنلىگەن . ئاچچىق ئەسلىمىلىرى ۋە مۇھەببەت شىرنىلىرى ئارقىلىق كىتاب بولغان -ئاشىق ھېكايىسىدۇر

  سورىنىمىز كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى .تېمىلار ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمىلەر ئىدى . بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ھاياجانلانغان ھالدا شۇ ئەسلىمىلەرنى كېنو لىنتىسىنى قويۇپ بەرگەندەك سۆزلىشەتتى . ھەر بىر كارتىنىدىكى شۇ كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمدا ھېلىھەم نامايەن بولماقتا . شاتلىققا تولغان شۇ كۈنلەردە ،غەم -قايغۇلارغا چۆمۈلگەن شۇ ھېسلاردا ،ھاياتنىڭ ئاچچىق ھەم تاتلىق دەملىرىدە ، تۇرمۇشنىڭ ئسسىق -سوغۇق چاغلىرىدا ئۇلارغا قوشۇلۇپ يەنىلا سەن ۋە مەن .  سېنىڭ ھاياتىمغا قوشقان شۇ ئەسلىمىلىرىڭ  مېنىڭ قەلبىمدە يەنىلا سەن بارلىقىڭنى ئىسپاتلاۋاتىدۇ . سەندىن شۇنچىكى يىراقلاشقانسىرى ، ئۇ ئەسلىمىلەر بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ماڭا يېقىنلىشىپ سېنىڭ سىيمالىرىڭنى كۆز ئالدىمغا ئەكەلدۈرىدۇ .
  شۇنداق ئېسىمدە سەن مەندىن 《ئەسلىمە》دېگەننى قانداق چۈشىنىسەن دەپ سورىغىنىڭ ، مەن دېدىمكى ئەسلىمە دېگەن گۈزەل ھەم قايغۇلۇق ئىشلارنى ئەسلەيدىغان ئازاپ ئىچىدە تۇرۇپمۇ گۈزەل مېنۇتلارنى ئەسلەشلەرنى ئەسلىمە دەيمەن دېگىنىمدە  سەن جاۋابەن ، مەيلى گۈزەل مېنۇتلار بولسۇن ۋە ياكى ئاچچىق ئەسلىمىلەر بولسۇن بولدى 《 ئەسلىمە 》دەپ چۈشىنىمەن دېگەن ئىدىڭ . شۇۋاقىتلاردا بۇ جاۋابىڭدىن تولىمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلغان ئىدىم . مانا ئەمدى ھېس قىلسام شۇ ئەسلىمىلەرنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ئەۋزەل ئىكەن ……
  ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بارغانلىقىنى بىلىپ ھەممىمىز قايتىشقا تەمشەلدۇق  . سېنى كۆرۈپ قانمىغان بۇ يۈرىكىمنىڭ قايتىشقا رايى يوقتەك قىلاتتى . ئەمما ئۇلار تەرەپ- تەرەپدىن خوشلىشىپ كېتىپ قالدى. سېنى ماڭا گەپ قىلماسمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم ، ئەمما سەن ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ 《خوش》دېدىڭ . يۈرۈكۈم ئىللىق بىر سېزىمغا كەلدى . بىلسەڭ ئىدىڭ بۇ 《خوشلىشىش》نىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىقى بولىشىنى خالىمايتتىم . ساڭا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلغۇم بار تۇرۇقلۇق يەنىلا سۈكۈتتە تۇرۇشنى قارار قىلدىم . سېنىڭ ماڭا گېپىڭ باردەك قىلاتتى . ھەمدە 《سالامەت بول ، ئۆزۈڭنى ئاسرىغىن》  دېگىنىڭچە كېتىپ قالدىڭ . كۆز چاناقلىرىمدىن تارام-تاراملاپ ياش ئاقماقتا .گېپىڭنىڭ كەينى تۈگىمەيلا كېتىپ قالغاندەك بىلىندى . يا كېيىن كۆرۈشەرمىز يا ئالاقىلىشىپ تۇرارمىز دېگەندەك گەپلەر يوق ئىدى . ئىللىق سېزىمغا تولغان يۈرىكىم بىردىنلا مۇز كەبى قاتتى . بەلكىم ئۇ گەپلەرنىڭ سەن ئۈچۈن ئەھمىيىتى يوقتۇر ، ئەمما ساڭا تەشنا بۇ يۈرەكنىڭ بۇ بىرقانچە سۆزگە قانچىلىك ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىر بىلسەڭ ئىدىڭ !
  ھەممىسى خوشلىشىپ ھەر تەرەپكە قاراپ كېتىشتى ، سەنمۇ ئابتۇبۇسقا چىقىپ كېتىپ قالدىڭ ،سەن كېتىپ بولغۇچە ،سايەڭ يوقاپ بولغۇچە كۆزۈمنى سەندىن ئۈزمىدىم . سەن كەتتىڭ ،مەنمۇ ئۆز يولۇمغا راۋان بولدۇم . ئەمما قايسى يولدا ، قانداق كېتىپ بارغانلىقىمنى بىلمەيمەن .كاللامدا نۇرغۇن خىياللار بار ، بۇ خىياللاردا سەن ۋە مەن ……  ئېھتياتسىزلىقتىن بىرسىگە سوقۇلۇپ كەتتىم ، شۇندىلا ئېسىمگە كەلگەندەك بولدۇم . ئەتراپىمغا كۆز يۈگۈرتۈپ قاراپ چىقتىم بۇ يول ئىككىمىز ئەڭ جىق ماڭىدىغان نۇرغۇن ئەسلىمىلەرگە تولغان يول ئىدى . ھەر قېتىم چاچلىرىمنى قوللىرىڭغا ئېلىپ تارتىپ ماڭىدىغان ، ھەم ناخشىلارنى توۋلىشىپ ، ھەر خىياللارنى سۈرۈپ ماڭىدىغان ، گاھىدا سوقۇشۇپ گاھىدا كۈلكە چاقچاقلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ماڭىدىغان يوللار ئىدى بۇ .  مانا ھازىر سەن ماڭغان شۇ يوللاردا تەنھا كېتىۋاتىمەن ، سېنىڭ پۇتلىرىڭ تەگكەن ھەر بىر يەرلەرگە مەن قەدەم ئېلىۋاتىمەن ئاستا ، ئاستا ،ئاستا ……
  ئۆيگە كەلدىم ،بۇ خىياللارنىڭ قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن خىيالىمدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن .ئەمما  ھەقىقەتەن ۋاقىت كېتىدۇ ، ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ دەيدىكەن ،بىراق قەلبىدىكى شۇ داغنى ئۇنتۇلدۇرۇش ،چىقىرىۋېتىش ۋاقىتنىڭ قولىدىن كەلمەيدىكەن . ماڭا يەنىلا قەلەم ھەمراھ بولدى . كۆڭلۈمدىكى بۇ نىدالارنى ئۇ يەنىلا تىنماي خاتىرىلەۋاتىدۇ ھەم ساڭا بولغان مۇھەبىتىمنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتى . بۇ خەتلەرنى يەنە ئاشۇ ئاپئاق ۋاراقلار ئۈستىگە ،سېغىنىش قۇرلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ خاتىرىلەپ چىقتىم .
   ۋاپاسىزلىقىنىڭ سادىق سۆيگۈدىكى قىممىتى ، يەنىلا ئۇنتۇلۇش بولمايدىغانلىقىدىن ئەقىدەمنىڭ چىن ئىكەنلىكىگە ئېشىنەرسەنمۇ  ئاشىقىم ؟ ……


      باش مۇھەرىرى : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ئۈندىدار : 2041420589


     





1254 قېتىم كۆرۈلدى دىلنۇر مەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-20 17:21:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-5-21 17:22:39 ئاماننسا
بەك ياخشى چيكپتۇ بۇنڭدنكين تېخىمۇ تىرىشىڭ.ئۇتۇق ۋە ئامەت.سىزگە يار بولغاي.🌹🌹🌹👍👍
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ