.. ئازارلەر بەرمىگىن ئاجىز يىتىمغا ..
.......................................
تۇغولدى دۇنياغا كەتتى ئانىسى ،
ئەقلىنى بىلگۈچە كەتتى دادىسى .
تاشلاپ قويدى ھەم قېرىنداشلىرى
ئازارلەر بەرمىگىن ئاجىز يىتىمغا .
....................................
چوڭ بولدى دۇنيادا ياشىدى تەنھا ،
كۆرمىدى ئۆزگىدىن زەررىچە ۋاپا
قارانىيەت ئەسكىلەر قىلدى ھەم خاپا
ئازارلەر بەرمىگىن غېرىپ يىتىمغا .
...........................................
يىتىملىك دەردىدە تارتتى كۆپ كۈلپەت،
دۈشمەلەر چاپلىدى پىتنى ۋە تۆھمەت .
قەسىلدى يەتكۈچە چىدىماس نامەرىت
ئازارلەر بەرمىگىن مىسكىن يىتىمغا .
.......................................
ئاچ-ئۇسسۇز ئۆتتىغۇ قانچە كۈنلىرى ،
ياتارغا چۈشكۈن يوق ھەتتا تۈنلىرى .
كىسەللەر تارىتى كۆپ ئاجىز تەنلىرى ،
ئازپلار بەرمە ھەم يالغۇز يىتىمغا .
........................................
يىتىمنى ئاسرىغىن قىلغىن قەدرىنى ،
يىتىمنى چۈشەنگىن بىلگىن دەردىنى .
يىتىمغا خۇش باقساڭ ئاتار جېنىنى
قايغۇ بەرمىگىن مىسكىن يىتىمغا .
..........................................
يىتىمنىڭ كۆزلەرى دائىما قان ياش ،
دەرىت ۋە ئەلەمگە بىرىدۇ بەرداش .
قەلبىدە تۈگىمەس سەبرىلەر بولغاش ،
يامانلىق قىلمىغىن ئاجىز يىتىمغا .
.........................................
بولساڭمۇ پادىشاھ ۋەياكى دىدەك ،
يىتىمنى خارلساڭ سەن گۇيا كىسەك .
يىتىممۇ ئادەمغۇ قەلبى ساپ بىزدەك ،
ئادەم بولساڭ قول ئۇزارىتما يىتىمغا .
............................................
ئاپتۇرى: ھەسەنجان ئۇچقۇن ....!
كوت كوت ھەم ئۈندىدار: 731725280...!!
2016 - يىلى7 - ئاينىڭ 31-كۈنى ......!!!
خوتەن.......!!!!!!!