يەتمەيدۇ شۇ قېرىنداشقا - ئابدۇۋارىس ئەخمەت

 يەتمەيدۇ شۇ  قېرىنداشقا

ئابدۇۋارىس ئەخمەت

سەن ھاياتىم يارىم دىگەنلەر,
سەندە بارنى تەڭ يىگەنلەر.
سىنى جېنىدىن ئەزىز بىلگەنلەر,
يەتمەيدۇ شۇ قېرىنداشقا.

ياخشى كۈننىڭ يامىنى باردۇر,
ئامىتىڭ كەلسە ھەممە ساڭا ياردۇر.
يازدا يامغۇر. قىشتا قاردۇر,
يەتمەيدۇ شۇ قېرىنداشقا .

دوستم ساڭا مەندىن نەسىھەت,
قېرىندىشىڭغا قىلما مىننەت.
ساڭا ئۇلارنىڭ بارلىقى قىممەت,
يەتمەيدۇ شۇ قېرىنداشقا.
 
ئاتا-ئاناڭدىن كىيىن  قالساڭ,
قېرىندىشىڭنىڭ ياقىدىن ئالساڭ.
بولمامدۇمىھىر بىرىپ مىھىر ئالساڭ,
يەتمەيدۇ شۇ قېرىنداشقا .

2016    12    12
     





25 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇۋارىس ئەخمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-13 22:37:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ