شۇنداق بىرگە كۆيۈپ قالىسەن
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
ساراڭ دەيسەن ، قىلىقى ئۇماق ،
شۇنداق بىرگە كۆيۈپ قالىسەن !
ياخشى دەيسەن ، بولمىغۇر شاللاق ،
شۇنداق بىرگە كۆيۈپ قالىسەن !

ئەققىدەڭنى قىلسىمۇ پايخان ،
ۋايسىمايسەن ، دادلاپ ھېچقاچان .
سېنى ئىبلىس قولىغا ئالغان ،
شۇنداق بىرگە كۆيۈپ قالىسەن !

قۇياش دەيسەن ، تەپتى يوق ئەمما،
قىشىدا سەن ، قەلبىدە باشقا .
ئادەم تۇرۇپ ئۆزگەرگەن ئېتقا ،
شۇنداق بىرگە كۆيۈپ قالىسەن !

سەزمىسەڭمۇ لىۋىدىن سېزىم ،
ئۇ بولمىسا ، تاپمايسەن تىنىم .
ئۆز خىلىڭنى بەرمىسە تەڭرىم ،
شۇنداق بىرگە كۆيۈپ قالىسەن !

كىچەلمەيسەن يىللار ئۆتۈپمۇ،
يا ئۆلمەيسەن قان تۈكۈرۈپمۇ .
بار ئەيبىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ،
شۇنداق بىرگە كۆيۈپ قالىسەن !
| 364 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-5-14 19:30:37 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|