‎جىمجىت كېچە (شېئىر) - ‎مەردان ئېزىز تارىم ئوغلى

 جىمجىت كېچە‎

‎مەردان ئېزىز تارىم ئوغلى 


‎سۈردۈم خىيال تەنھا ئولتۇرۇپ،
‎ئۇيقۇ كەلمەي ياتتىم تېخىچە.
‎قۇياش پېتىپ مەغرىپكە تامان،
‎يېتىپ كەلدى جىمجىت بىر كېچە.

‎خىيالىمدا دۇنيانى كەزدىم،
‎بىر خىل شېرىن ئازاپنى سەزدىم.
‎قىىينىۋەتتى قەلبىمنى دەردىم،
‎بېسىۋالدى جىمجىت بىر كېچە.

‎كۆرۈنمىدى يۇلتۇز ئاسماندا،
‎يىگانەمەن پانىي دۇنيادا.
‎تەنھا خىيال سۈرۈپ ياتقاندا،
‎ئورىۋالدى جىمجىت بىر كىچە .

‎دىلنى ئەزگەچ شۇ تەتۈر پەلەك،
‎ھەسرەتلەردە ئۆرتەندى يۈرەك.
‎ماڭا شۇنداق خىياللار كېرەك،
‎مېنى يۈتكىن ئەي جىمجىت كېچە.

‎مەردان ئېزىز تارىم ئوغلى  قەلىمى
‎19-ئۆكتەبىر (星期三)
‎كېچە سائەت 12:23 (乌鲁木齐)
     





30 قېتىم كۆرۈلدى tarimogli ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-27 17:36:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ