ئانامغا بەرسەمچۇ مۇھەببىتىمنى - ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن


پەپىلەپ باققىنى ئانامكەن ئەسلى ،
مەن نادان ئىزلەپتىمەن نىگارنىڭ ۋەسلى .
يىنىمدا ئىكەنغۇ ئوماق پەرىشتەم ،
ئەي دۇنيا مەن زادى نىمىنىڭ نەسلى…؟

كىتىپتۇ ئانامنىڭ باھارى پەسلى ،
كەچۈرگىن ئانىجان كەچۈرگىن مىنى .
شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ مەن ئازدىم ،
بۇلغاندى ئوغلۇڭنىڭ غۇبارسىز تىنى .

كەچۈرگىن يەنىلا ناپاك ئوغلۇڭنى ،
ئاق سۈت ئەمگەن بەندىمەن تاپاي ئەقلىمنى .
ئېست ، ھەسرەت چەككىنىم ياتقا ئىشىنىپ ،
ئانامغا بەرسەمچۇ مۇھەببىتىمنى …؟!

2016.8.30 يەكەن ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن




199 قېتىم كۆرۈلدى arqen ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-2 5:54:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ